تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيە رەھبەرلىكى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ تۈپ كاپالىتى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«پارتىيە رەھبەرلىكى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ تۈپ كاپالىتى.» مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى مۇھىتى قانچە مۇرەككەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى قانچىكى ئېغىر بولغانسېرى، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ۋاسىتىسىدىن شۇنچە پايدىلىنىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەكلىكىنى چوڭقۇر كۆرسەتتى.

ھەيۋەتلىك تاغلارنىڭ جەزمەن ئاساسىي چوققىسى بولىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ رەھبەرلىك يادروسى، ئالىي سىياسىي رەھبىرىي كۈچ. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈپ ئاساسى، جان تومۇرى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئىتى، بەختى. «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، بىز يەنە قانچىلىغان داۋاندىن ئېشىشىمىزنى، قانچىلىغان ئۆتكەلدىن ئۆتۈشىمىزنى، قانچىلىغان بوران - چاپقۇننى باشتىن كەچۈرۈشىمىزنى، قانچىلىغان جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر ۋە توسالغۇنى يېڭىشىمىزنى بىلمەيمىز. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنى يېڭىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان بۇ مۇھىم، زور پىرىنسىپال مەسىلىدە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت جەزمەن يۈكسەك ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ساقلىشى كېرەك، قىلچە تەۋرىنىشكە بولمايدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى:«دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، پارتىيە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈمى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قانۇنچىللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىللىق ئارقىلىق پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.» دۆلىتىمىز ئاساسي قانۇنىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن، پارتىيەنىڭ دۆلەت ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسىدىكى پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتەك يادرولۇق ئورنى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن، بۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىقنىڭ ئەڭ تۈپ كاپالىتى. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىقنىڭ تۈپ تەلىپى، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا بولۇشقا تېگىشلىك زۆرۈر مەزمۇن. ئاساسىي قانۇن دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتا ئاۋۋال دۆلەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇشتا ئاۋۋال ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنى تۈزىدۇ، خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنى يولغا قويىدۇ، پارتىيە ئۆزى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار دائىرىسىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى كېرەك. دۆلەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش ئاساسىي قانۇندا بېكىتىلگەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىدا تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇشنى، ئاساسىي قانۇندا بېكىتىلگەن خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتۇرىلىقىدىكى دۆلەت تۈزۈلمىسى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدىكى ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدە تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

خەلق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان تۈپ كۈچ، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش پارتىيەنىڭ تۈپ ئاساسىي مەقسىتى. دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئەڭ كەڭ، ئەڭ چوڭقۇر ئاساسى خەلق، جەزمەن خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، خەلقنى كۆزلەش، خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈش، خەلقنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، پۈتكۈل جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ تۈپ مەقسىتى خەلقنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈش. خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى تەلىپى، يېڭى ئارزۇسىغا پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، قانۇنچىللىق ساھەسىدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىپ پىلانلاپ ۋە ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، قانۇنچىللىق ئارقىلىق خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، خۇشال - خۇرام ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش تۈزۈم سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنىڭ قانۇنچىللىق كاپالىتى تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىدە تۈرلۈك يول ۋە شەكىل ئارقىلىق قانۇن بويىچە دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشى، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشى، جەمئىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، قانۇن ۋە ئۇنى يولغا قويۇش ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىرادىسىنى ئۈنۈملۈك نامايان قىلىش، خەلقنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، خەلقنىڭ ئىجادكارلىقىنى قوزغىتىش كېرەك.

جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولى ماھىيەتتە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنىڭ قانۇنچىللىق ساھەسىدىكى كونكرېت ئىپادىسى، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇشنىڭ بىردىنبىر توغرا يولى. دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتا، جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەم مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق شەكلىدىن پايدىلىنىپ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك؛ ھەم ئۇزاق كەلگۈسىنى كۆزلەپ، قانۇنچىللىق ئاساسىنى پۇختىلاپ، قانۇنچىللىق كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، قانۇنچىللىق كۈچىنى توپلاپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى تۈزۈملەرنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىشى، تېخىمۇ تۇراقلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ئۇزاق مۇددەتلىك تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى قانۇن مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئەمەلىيىتىدە ئۆزىگە ماس كېلىدىغان قانۇنچىللىق يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە، چەت ئەل قانۇنچىللىقىدىكى پايدىلىق نەتىجىلەردىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئومۇميۈزلۈك زامانىۋىلاشقان سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قانۇنچىللىق ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە، ئاچقۇچى ئادەمدە. ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك بولغان يۇقىرى ساپالىق قانۇنچىللىق خىزمىتى قوشۇنى قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، بۇ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى بىر تۈرلۈك ئاساس خاراكتېرلىك خىزمەت؛ رەھبىرىي كادىرلاردىن ئىبارەت بۇ «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىق»لارنى چىڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، بۇ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش نىشان - ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى. يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى مۇساپىنى باشلاپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق شەكلىدىن پايدىلىنىپ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، زىددىيەتلەرنى پەسەيتىش ۋە تۈگىتىش، مۇقىملىقنى قوغداش، خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرسەكلا، بىز چوقۇم خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ئورۇندىيالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.