تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىدىن 490 مىليون يۈەننى باسقۇچ خاراكتېرلىك كېمەيتتى، كەچۈرۈم قىلدى

قەشقەر ۋىلايىتى:

كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىدىن 490 مىليون يۈەننى باسقۇچ خاراكتېرلىك كېمەيتتى، كەچۈرۈم قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى چۇنشيا خەۋەر قىلىدۇ: «ھېلىمۇ ياخشى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىشتىن ئىبارەت بۇ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى بار ئىكەن، بۇ سىياسەتنىڭ بىزنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشىمىزگە ياردىمى بولدى» دېدى 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى قەشقەر شەھىرى چىنىباغ مېھمانسارىيى ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى جاڭ خەييەن مۇخبىرغا.

«ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كارخانىلارنىڭ تەرتىپلىك ھالدا ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنىڭ تىجارەت بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، قەشقەر ۋىلايىتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك يۆلەش سىياسەتلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇردى.

قەشقەر ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كەسپىي تەربىيەلەش بۆلۈمىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل خادىم دوڭ يەنرۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىلدىن بۇيان، قەشقەر ۋىلايىتى كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى باسقۇچ خاراكتېرلىك كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇ يىل 2 - ئايدىن 12 - ئايغىچە، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلاردىن ياشانغاندا كۈتۈنۈش، ئىشسىزلىق، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئورۇنلار تاپشۇرىدىغان قىسمىنى ئېلىشنى كەچۈرۈم قىلغان؛ بۇ يىل 2 - ئايدىن 6 - ئايغىچە، چوڭ تىپتىكى كارخانىلاردىن ئېلىنىدىغان ياشانغاندا كۈتۈنۈش، ئىشسىزلىق، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئورۇنلار تاپشۇرىدىغان قىسمىنىڭ يېرىمىنى كېمەيتىپ ئالغان. مۇشۇ بىر تۈردىلا، پۈتۈن ۋىلايەت بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىدىن 490 مىليون يۈەن كېمەيتىلىپ، كەچۈرۈم قىلىنىپ، كارخانا، ئورۇنلار شەكلىدە سۇغۇرتىغا قاتناشقان يەككە سودا - سانائەتچىلەر قاتارلىقلاردىن جەمئىي 7360نى نەپكە ئېرىشتۈرگەن.

چىنىباغ مېھمانسارىيى نەپكە ئېرىشكەن كارخانىلارنىڭ بىرى. جاڭ خەييەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ مېھمانساراينىڭ 280 خىزمەتچىسى بار بولۇپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، مېھمانساراي خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى تارقىتىش، سۇ - توك ھەققى قاتارلىق ھەر خىل چىقىملارنىڭ بېسىمىغا ئۇچراپ، ئىقتىسادىي يۈكى ناھايىتى ئېغىرلاپ كەتكەنىدى. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى باسقۇچ خاراكتېرلىك كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، شۇ جايدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى بۇ مېھمانساراي بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلىشىپ، سىياسەتنى تەشۋىق قىلىپ، بۇ يىل 2 - ئايدىن 11 - ئايغىچە، بۇ مېھمانسارايدىن ئېلىنىدىغان ئۈچ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىدىن جەمئىي 835 مىڭ يۈەننى كەچۈرۈم قىلغان.

«بۇ پۇل بىزگە نىسبەتەن دەل ۋاقتىدا قىلىنغان ياردەم بولدى.» جاڭ خەييەن مۇنداق دېدى: ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش بۇ مېھمانسارايغا نۇرغۇن چىقىمنى تېجەپ بەردى، مېھمانساراي بۇ پۇلنى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى تارقىتىش، يېڭى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىپ، تىجارەت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتتى.

بۇنىڭدىن باشقا، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى يەنە قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش ياردەم تولۇقلىمىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى بويىچە ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى قاتارلىقلارنى تارقىتىش ئارقىلىق يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇردى، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈردى. 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنىگىچە، قەشقەر ۋىلايىتىدە ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغىدىن جەمئىي 223 مىليون يۈەن ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە تارقىتىلغان ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى بويىچە ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى 51 مىليون 920 مىڭ يۈەن بولۇپ، 4350 كارخانىغا نەپ يەتكۈزدى.

«بۇ يىل بىز جەمئىي 178 مىڭ يۈەن ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولدۇق، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىدىن 3 مىليون 100 مىڭ يۈەن كېمەيتىلىپ، كەچۈرۈم قىلىنىپ، كارخانىنىڭ يۈكى يېنىكلىتىلدى.» شىنجاڭ خوجۈ يېقىلغۇ گاز پاي ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى مەمۇرىي باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جۇ ياڭچۇن مۇنداق تونۇشتۇردى: كارخانىمىزدا 800دىن ئارتۇق خىزمەتچى بار، كارخانا تېجەپ قالغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى خىزمەتچىلەرگە تۇرمۇش ياردەم پۇلى تارقىتىش، خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇش تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش، ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىپ، خىزمەتچىلەر قوشۇنىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

«بىز سىياسەت تەشۋىقات سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، ئىش بېجىرىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كارخانىلارنىڭ ھەممىسىنى سىياسەتنىڭ پايدىسىدىن بەھرىمەن قىلىمىز» دېدى دوڭ يەنرۇڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى