تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرىمىز

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى −

خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرىمىز

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنىدا، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ تۈپ مەقسىتى خەلقنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈش، دەپ تەكىتلىدى. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى تەلىپى، يېڭى ئارزۇسىغا پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، قانۇنچىللىق ئارقىلىق خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، خۇشال - خۇرام ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز.

قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار 1 - سوت كوللېگىيەسىنىڭ مۇئاۋىن كوللېگىيە باشلىقى، مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر سوتچى غالىپ تۇرسۇن مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجىنىڭ تەلىپىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. خەلق سوتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، خەلق ئاممىسىغا ھەربىر ئەدلىيە دېلوسىدا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئۈچۈن ياخشى قانۇنچىل مۇھىت يارىتىمەن.

بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش تەپتىش لى خەيمىڭ مۇنداق بىلدۈردى: تەپتىش ئورگىنىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى كونكرېت تەپتىش خىزمىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇنچىللىق ساھەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، خەلقنىڭ يېڭى تەلىپى، يېڭى ئارزۇسىغا پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىمەن.

كېرىيە ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى جيا گاڭ مۇنداق دېدى: قانۇن خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك يۇقىرى ساپالىق سودىيەلەر قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.

شايار ناھىيەلىك باج ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى قۇددۇس پەخىردىن مۇنداق دېدى: باج ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، باج ئىشلىرى خىزمەتچىلىرى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئاساسىدا، باج ئىشلىرى قوشۇنىنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە كۈچەپ، ئادەمنى ئاساس قىلىپ، باج ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىنى يارىتىمىز.

بۇرچىن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ لياڭجۈن مۇنداق بىلدۈردى: «بىز مەۋقەنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ نازارەت قىلىشتىكى بىرىنچى ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىگە قويۇپ، ھەقىقىي تۈردە قائىدە بويىچە، ئىنتىزام بويىچە، قانۇن بويىچە ئىش قىلىش تەلىپىنى ئىنتىزام ئىجراسى، قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش ئۈنۈم - ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچلۈك ئىنتىزام، قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىمىز».

ئۈرۈمچى شەھىرى سۇ ئۈستى باغچىسى خەلققە قولاي ساقچى پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى ۋاڭ ليۇتاۋ مۇنداق بىلدۈردى: ئاساسىي قاتلام جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىش ئېڭىمنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈش ئەسلىي مەقسىتىنى ساقلاپ، «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نى پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، قانۇننىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغداپ، ئاممىنى قانۇنچىللىق پايدىسىدىن بەھرىمەن قىلىمەن.

«يېزىلاردا قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىر زور ئىش.» پەيزاۋات ناھىيەسى يېڭىمەھەللە يېزىسىنىڭ لايلىق كەنتى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى غوپۇرجان ئەھەت مۇنداق بىلدۈردى: قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسىنى ئاساسىي قاتلام مەھەللىلىرى، يېزىلارغا ئۇزارتىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەقىقىي تۈردە ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا قانۇننى يەتكۈزۈپ، مۇلازىمەتنى يەتكۈزۈپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىمىز.

(مۇخبىر جېڭ جو، قاتناشقان مۇخبىرلار ياڭ شۇخەن، مېھرىگۈل ناسىر، ئىختىيارىي مۇخبىرلار لى شياۋجىن، جوۋ خوڭيەن، ليۇ دۇڭۋېي)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.