تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ياش «نەشپۈتچى دېھقان»نىڭ باشقىچە تاللىشى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى گاۋ خەن، خۇ خۇخۇ

كەچ كۈز مەزگىلىدە، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ «بىڭتاڭشىن» ئالمىسى مول ھوسۇل پەسلىنى كۈتۈۋالدى، ھازىر ئېلېكتىرونلۇق سودا تېز پويىزى ئارقىلىق ھەرقايسى جايلاردىكى ئىستېمالچىلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلۈۋاتىدۇ. نەشپۈت، تاتلىق ئۆرۈك، ئالما قاتارلىق خاس يېڭى مېۋىلەرنىڭ بازىرىنىڭ ئىتتىك بولۇشى ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە ھەسەنجان ئەخمەت قاتارلىق بىر تۈركۈم ياشلارنى ئىگىلىك تىكلەشكە جەلپ قىلدى.

بۇ يىل 4 - ئايدا، 33 ياشلىق ھەسەنجان ئۈچ شېرىكى بىلەن ئاقسۇ شەھىرىدە رۇگو يوۋجياڭلەي بىيو پەن - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى قۇردى. يېرىم يىلغا بارمايلا، شىركەتنىڭ توردىكى سودا سوممىسى 17 مىليون يۈەندىن ئاشتى. شىركەتنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ئىگىلىك تىكلىگۈچى ھەسەنجاننى مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى، شۇنداقلا ئۇنى ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدىكى تاللىشىدىن خورسەن قىلدى.

2012 - يىلى، ھەسەنجان داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ، دادىسى بىلەن بىللە ئائىلىسىنىڭ 50 مو نەشپۈتلۈكىنى باشقۇردى.

«ئەنئەنىۋى ئۇسۇل ئارقىلىق ساتقاندا زىيان كۆپ، پايدا ئاز بولىدۇ.» ھەسەنجان مۇنداق دېدى: ئىلگىرىكى تەجرىبىگە ئاساسلانغاندا، 4 - ئاينىڭ ئاخىرىدىلا نەشپۈتنىڭ «ئىچى قارىداش»قا باشلايدۇ، بۇ، بۇنىڭدىن بۇرۇن چوقۇم سېتىپ بولمىسا بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

بۇ يىل 3 - ئايدا، ھەسەنجاننىڭ قولىدا يەنە سېتىپ بولالمىغان نۇرغۇن نەشپۈت بار ئىدى، «نەشپۈت سېتىشتىن بولغان زىيان پەقەت زىياننىڭ بىر قىسمى، ئىجارىگە ئالغان توڭلىتىش ئىسكىلاتى ھەققىمۇ ئاز بولمىغان چىقىم ھېسابلىنىدۇ».

ئۇدۇل كېلىپ قالغىنى شۇكى، ھەسەنجاننىڭ ھازىرقى ئىگىلىك تىكلەشتىكى ھەمكارلىق ھەمراھى لى چېڭجۈن ئۇنىڭ ئائىلىسىگە نەشپۈت سېتىۋالغىلى باردى.

بىر تەرەپتە يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە باغۋەنلەرنىڭ قولىدىكى نەشپۈت سېتىلماي بېسىلىپ قالدى، بىر تەرەپتە ئۈندىدار سودىسىغا تايىنىپ سېتىلىدىغان نەشپۈت ئۆكسۈپ قالدى. قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، سودىنى ناھايىتى ياخشى قىلغىلى بولاتتى، ئەمما ھەسەنجان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق سېتىشنى رەت قىلدى.

«ئىلگىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغاچقا، توردا مالنى كۆپ ساتقىلى بولمايدىغاندەك، ھەممىسىنى ئالدامچىلىقتەك ھېس قىلاتتىم» دېدى ھەسەنجان چۈشەندۈرۈپ.

تور سودىسى جانلىنىپ، لى چېڭجۈن ساتقان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەمىناتى ئېھتىياجنى قاندۇرالمىدى، بىر ھەپتىگە بارمايلا 40 توننا نەشپۈت سېتىلىپ بولدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ھەسەنجاننىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىدى: «40 توننا، بۇ ئائىلىمىزنىڭ نەچچە ئايلىق سېتىش مىقدارىغا تەڭ دېگۈدەك ئىدى».

«قانداق قىلىش كېرەك، 4 - ئاينىڭ ئاخىرى كېلەي دەپلا قالدى، مەن سىناپ بېقىش روھىي ھالىتى بىلەن لى چېڭجۈننى ئىزدەپ تېپىپ ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلاشتىم.» ھەسەنجان مۇنداق دېدى: «سىناپ بېقىپ توغرا قىپتىمەن، مېنىڭ نەشپۈتلىرىملا ئەمەس، ھەتتا ئۇرۇق - تۇغقان، دوستلىرىمنىڭ نەشپۈتلىرىنىمۇ سېتىپ بولدۇق، ئەسلىدە زىيان تارتىمىز دەپ تەييارلىق قىلىپ قويغانىدۇق، ئويلىمىغان يەردىن يەنە خېلى كۆپ پۇل تاپتۇق».

شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، ھەسەنجاندا ئىگىلىك تىكلەپ ئېلېكتىرونلۇق سودا قىلىش ئويى تۇغۇلدى، توغرا كېلىپ قالغىنى لى چېڭجۈنمۇ بىر ئېلېكتىرونلۇق سېتىش شىركىتى قۇرۇشنى ئويلاپ تۇرغانىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ لى چېڭجۈن بىلەن بىرلەشتى.

ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى بولمىغان بىرنەچچە ياش زادى ئىگىلىك تىكلىيەلەمدۇ - تىكلىيەلمەمدۇ؟

ئېلېكتىرونلۇق سودىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھام بېرىۋاتقان ئاقسۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت جاۋاب بەردى: ئۈچ يىللىق ئۆي ئىجارىسى، سۇ - توك ھەققى، مۈلۈك باشقۇرۇش ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، كومپيۇتېر ۋە ئىش ئۈستىلى، ئورۇندۇق سەپلەپ بېرىلىدۇ، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر پەقەت سومكىسىنى كۆتۈرۈپ كېلىپلا ئىش بېجىرسە بولىدۇ...

ئاقسۇ شەھىرى ئوتتۇرىغا قويغان ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ئىلھام بېرىدىغان بىر قاتار تەدبىرلەر ھەسەنجاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئىگىلىك تىكلىگۈچىنى ئەندىشىدىن خالاس قىلىپ، يېنىك جابدۇنۇپ ئىگىلىك تىكلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

«شىركەت يېڭى قۇرۇلغان ۋاقىتتا، ھەر كۈنى 1000 يەشىك مەھسۇلاتنى ساتالىساقلا ياخشى بولىدۇ دەپ ئويلىغانىدۇق.» ھەسەنجان مۇنداق دېدى: نەتىجىدە شىركەتنىڭ تەرەققىياتى ھەممەيلەننىڭ مۆلچەرىدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتتى، مېۋە - چېۋە سودىسىنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە، بىر ئايدا پەقەت تېز يەتكۈزۈش ھەققىگىلا 600 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل خەجلىدۇق.

شىركەتنىڭ كەسىپ مىقدارىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆرلىشى ئۇلارنىڭ بىر تىجارەت سىرىدىن بولدى − دېھقان ئائىلىلىرىدىن تېخىمۇ يۇقىرى باھادا سېتىۋالدى. ھەسەنجان مۇنداق دېدى: «تېخىمۇ يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىش بىلەن بىللە، بىز باغۋەنلەردىن مەھسۇلاتلارنى ئۈزۈش ھالقىسىدىلا دەرىجىگە ئايرىپ ئوراپ قاچىلاپ، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدۇق».

ئاقسۇ ۋىلايىتى تارىم ئويمانلىقىنى ئوراپ تۇرغان باغ - ئورمان بەلبېغىغا جايلاشقان، تۈرى كۆپ سۈپەتلىك خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا ئىگە، ھالبۇكى ئۇزاقتىن بۇيان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن مول ھوسۇل ئالسىمۇ پايدا ئالالماسلىقتەك مۈشكۈل ئەھۋالغا دۇچ كەلدى، بۇنىڭدىكى بىر سەۋەب شۇكى، ساتقاندا دەرىجىگە ئايرىماي، تۆكمە قىلىپ سېتىش باھانىڭ ئۆرلىمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۈگۈنكى كۈندە، باغۋەنلەر مەنبە ھالقىسىدىلا تۈرگە ئايرىپ ساتتى، باھاسىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆرلىدى، يەنە تېخى مېۋە - چېۋىلەرنىڭ سۈپىتى ۋە تەمىگە كاپالەتلىك قىلىندى ھەم باغۋەنلەرنىڭ دەرىجىگە ئايرىش ئاكتىپلىقىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولدى، ئىككىلا تەرەپنىڭ پايدا ئېلىشى بىلەن بىر خىل ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىش شەكىللەندى.

«ئىگىلىك تىكلىگەندىن بۇيان ئىنتايىن ئالدىراش بولۇپ كەتتىم، لېكىن بۇنداق ئالدىراشچىلىق ئەھمىيەتلىك بولدى.» ئىگىلىك تىكلىگەندىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلەر تىلغا ئېلىنغاندا، ھەسەنجان مۇنداق دېدى: ئەسلىدە كىشىلىك ھاياتىمدا ئاتا - بوۋىلىرىمنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ، ئەنئەنىۋى نەشپۈتچى دېھقان بولىمەن دەپ ئويلىغانىدىم، ئەمما ئىگىلىك تىكلىگەندىن كېيىن، كىشىلىك ھاياتىمنىڭ باشقا بىر يولغا ئالمىشىپ، يەنە يېڭى ئېھتىماللىققا ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئويلىمىغان ئىكەنمەن.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى