تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«كۆپ قىرلىق» دېھقانلار رەڭدار تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى رايىدە، جاڭ جىلى

«مېنىڭ يۇرتۇم پەيزاۋات ناھىيەسىدە، بۇ يەردە ئەڭ داڭلىقى پەيزاۋات قوغۇنى...» 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ غولتوغراق بازىرى چالائوسا كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئەلى روزى توردا بىۋاسىتە تارقىتىشنى باشلىدى. ئۇ پەيزاۋات قوغۇنى تېرىۋاتقىنىغا 30 نەچچە يىل بولغان قوغۇنچى دېھقان بولۇپ، بۇ يىل ئۇ يەنە «بىۋاسىتە تارقىتىش دارىنى» دېگەن يېڭى سالاھىيەتكە ئىگە بولدى.

كۆپ خىل كەسىپ ۋە سالاھىيەتكە ئىگە كۆپ مەنبەلىك تۇرمۇشنى تاللىغان ياشلار «كۆپ قىرلىق» ياشلار دەپ ئاتىلىدۇ. قەشقەر ۋىلايىتىدە بىر قىسىم دېھقانلار كەسىپ ئىشچىسى، بىۋاسىتە تارقىتىش دارىنى، تېخنىك قاتارلىقلارغا ئايلاندى. «كۆپ قىرلىق» دېھقان ئۇلارنىڭ نامى بولۇپ قالدى.

«بۇ يىل 9 - ئايدا مەن توردا بىۋاسىتە تارقىتىش بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچراشتىم. گەرچە مەن ياش بولمىساممۇ، لېكىن بۇ مېنىڭ يېڭى شەيئىلەرنى ئۆگىنىشىمگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ» دېدى ئەلى ئىشەنچ بىلەن. شۇ جايدىكى مول تەجرىبىگە ئىگە توردا بىۋاسىتە تارقىتىش «ۋاڭخۇڭ»ىدىن ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئۇ توردا بىۋاسىتە تارقىتىش ئارقىلىق يۇرتىنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇشنى سىناشقا باشلىدى، يەنە تېخى بىر تەرەپتىن ساز چېلىپ، بىر تەرەپتىن يۇرتىنى مەدھىيەلەيدىغان قوشاقلارنى ئېيتىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

«بۇ يىل ئائىلىمىز تېرىغان پەيزاۋات قوغۇنى پىشقاندىن كېيىن، باشقىلار بىۋاسىتە تارقىتىش ئارقىلىق ماڭا ياردەم قىلىپ سېتىشىپ بەردى، ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولدى. مېنىڭ ھازىرقى بىۋاسىتە تارقىتىشىم كېلەر يىلى پەيزاۋات قوغۇنىنى سېتىشقا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈندۇر. نۆۋەتتە نۇرغۇن تورداش مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ، كېلەر يىللىق پەيزاۋات قوغۇنىنى زاكاز قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ» دېدى ئەلى.

قوغۇنچى دېھقان ۋە «بىۋاسىتە تارقىتىش دارىنى»دىن ئىبارەت ئىككى سالاھىيەتكە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئەلى ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى مەنىلىك ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى، ئۆزىنىڭ قوغۇنىنى سېتىش بىلەن بىللە، يەنە تورداشلارغا ئۆزىنىڭ يۇرتى ھەمدە يۇرتىنىڭ يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، بىر ئىشتىن كۆپ ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

بۇنداق قىلىۋاتقانلار يالغۇز ئەلىلا ئەمەس. تۇبۇخان ئەمەت يەكەن ناھىيەسى تاغارچى بازىرى يۇقىرى بويلا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى، ئۇنىڭ ئائىلىسى كۆكتات پارنىكى تېرىقچىلىق ئائىلىسى ئىدى. تۆت يىل ئىلگىرى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىنىڭ پايدىسىدا، ئىلگىرى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە تۇبۇخان يەكەن ناھىيەسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلەر باغچىسى مايسا يېتىلدۈرۈش مەركىزىگە كېلىپ ئىشلىدى. تەربىيەلىنىش ئارقىلىق تۇبۇخان كۆكتات، مېۋە - چېۋە، گۈل - گىياھ يېتىلدۈرۈش تېخنىكىسىنى پىششىق ئىگىلىدى، يەنە گۇرۇپپا باشلىقى بولۇپ، ئون پارنىكنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولدى.

«كەنتتە مەن پارنىك تېرىقچىلىقى كەسپىي ئائىلىسى؛ بۇ يەردە مەن مايسا يېتىلدۈرۈش مەركىزىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى. ھەربىر خىزمەتنىڭ ھەممىسى ماڭا ئاز بولمىغان كىرىم ئېلىپ كېلىدۇ. ھازىر پارنىكتا شوخلا مايسىسى، لازا مايسىسى، چەيزە مايسىسى قاتارلىقلارنى يېتىلدۈردۈم، بۇ كۆكتات مايسىلىرىنى تېزلا ساتقىلى بولىدۇ. مەن پارنىكتىكى كۆكتات مايسىلىرىنى سېتىپ بولغاندىن كېيىن، پارنىكتا مايسا يېتىلدۈرۈش كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىمەن. تېخىمۇ كۆپ يۇرتداشلارنىڭ مايسا يېتىلدۈرۈش تېخنىكىسىنى ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىمەن» دېدى تۇبۇخان.

«كۆپ قىرلىق» دېھقانغا ئايلانغاندىن كېيىن، سالاھىيىتىنىڭ كۆپ خىللىشىشى، كىرىمىنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشى بىلەن، بەزىلەر كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىدى، بەزىلەر مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتتى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولدى.

بۇ يىل 37 ياشقا كىرگەن گۈلياسىمەن سۇلتان يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ سۆگەت يېزىسى لايبۇلاق كەنتىدىكى بىر ئاددىي - ساددا يېزا ئايالى. ئىلگىرى ئۇ پەرزەنتلىرىنى بېقىپ، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلىپ، قازان بېشىنى چۆرگۈلەپلا يۈرەتتى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى، قومۇش پىششىقلاش زاۋۇتىنىڭ زاۋۇت باشلىقى، تىرانسپورت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورىدىن ئىبارەت ئۈچ سالاھىيەتكە ئىگە بولدى.

«كەنتتە نۇرغۇن قومۇش بار، لېكىن پايدىلىنىلمىدى. قېيىنئاتام - قېيىنئانام قومۇشتىن بورا توقۇشنى بىلىدۇ، مەن بۇنى بېيىشتىكى بىر ياخشى ھۈنەر ئىكەن دەپ ئويلىدىم. شۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، بورا توقۇپ بازارغا ئاپىرىپ ساتتىم. ئاستا - ئاستا زاكاز كۆپەيدى. كەنت <ئىككى كومىتېت>ىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، مەن يەنە پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇپ، كەنتتىكى ئاچا - سىڭىللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدىم» دېدى گۈلياسىمەن.

گۈلياسىمەن قومۇش پىششىقلاش زاۋۇتىنى باشقۇرۇش جەريانىدا يەنە تىرانسپورت مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن تىرانسپورت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىدى. «ھازىر قىلىۋاتقان ئىشىم كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ھەربىر كۈننى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈۋاتىمەن، بالىلارغىمۇ ئۈلگە تىكلەپ بەردىم. ھازىر بالىلارمۇ دائىم ياخشى ئۆگىنىپ، ماھارەت ئىگىلىگەندىن كېيىن بىزمۇ ئىگىلىك تىكلەيمىز، ئاندىن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى بېيىشقا يېتەكلەيمىز دەيدۇ».

ئەلى، تۇبۇخان، گۈلياسىمەندىن ئىبارەت بۇ ئۈچ «كۆپ قىرلىق» دېھقان بۈگۈنكى كۈندە قەشقەر ۋىلايىتىدىكى دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش يېڭى قىياپىتىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى بولۇپ قالدى. 1 -، 2 -، 3 - كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى، «بىر ئادەمگە بىر ئىش ئورنى بولۇش» قاتارلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، ئىگىلىك تىكلەش سىياسىتىنىڭ يۆلىشى قاتارلىقلار شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە كىرىمنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، ئۇلارنى ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدا تېخىمۇ خۇشال، مەزمۇت مېڭىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى