تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا - سانائەت رەھبەرلىرى سۆزلىشىش يىغىنىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى

11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا سىن شەكلىدە ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا - سانائەت رەھبەرلىرى سۆزلىشىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى بېيجىڭدا سىن شەكلىدە ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا - سانائەت رەھبەرلىرى سۆزلىشىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەپ، دۇنيانىڭ ئايرىلماس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئىكەنلىكىنى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. جۇڭگو يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ۋە دۇنيانىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئىنسانىيەت تەقدىرىنىڭ مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش ئىكەنلىكىنى، ھەرقايسى دۆلەتلەر مەنپەئىتىنىڭ زىچ باغلانغانلىقىنى، دۇنيانىڭ ئايرىلماس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم چۈشەندۈرۈپ بەردى. ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ھەمراھلىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سىياسەت جەھەتتىكى ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇم ئۈستىدىن بالدۇرراق غەلىبە قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تەڭپۇڭ، سىغدۇرۇشچان ئېشىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ئاساسىي تەرىپى ئۆزگەرمىدى. بىز يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى پائال بەرپا قىلىمىز.

بىرىنچى، بىز ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئاساسىي نۇقتىسىنى چىڭ تۇتۇپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرىمىز. تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېھتىياج تەمىناتنى يېتەكلەيدىغان، تەمىنات ئېھتىياجنى يارىتىدىغان تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ھەرىكەتچان تەڭپۇڭلۇقنى شەكىللەندۈرىمىز.

ئىككىنچى، بىز پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى بەرپا قىلىمىز. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ زەنجىرى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز.

ئۈچىنچى، بىز ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق قوزغىتىمىز. تېخىمۇ زور جاسارەت بىلەن، تېخىمۇ كۆپ تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، چوڭقۇر قاتلاملىق تۈزۈلمە - مېخانىزم توسالغۇلىرىنى تۈگىتىپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىمىز.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئاللىقاچان دۇنيا ئىقتىسادى ۋە خەلقئارا سىستېما بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلدى. بىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشىمىز ھەرگىزمۇ بېكىنمە بولغان دۆلەت ئىچىدىكى يەككە ئايلىنىش بولماستىن، بەلكى ئېچىۋېتىلگەن، بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشتۇر.

− يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىدە، جۇڭگو بازىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى تولۇق قوزغىتىلىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ ئېھتىياج يارىتىپ بېرىلىدۇ. بىز تاموژنا بېجى ۋە تۈزۈم خاراكتېرلىك تەننەرخنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىپ، ئىمپورت سودىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر تۈركۈم ئۈلگە كۆرسىتىش رايونلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن يۇقىرى سۈپەتلىك مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت ئىمپورت قىلىشنى كېڭەيتىمىز.

− يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىدە، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى يەنىمۇ كەڭ ئېچىۋېتىلىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىلىدۇ. جۇڭگو سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش ئىجازىتىدىن ئىلگىرى دۆلەت پۇقراسىلىق مۇئامىلىگە پاسسىپ تىزىملىكنى قوشۇپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، مۇلازىمەت كەسپىنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى تەرتىپلىك كېڭەيتىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل بەرپا قىلىدۇ. ئەركىن سودا سىناق رايونىغا ئىسلاھاتتا تېخىمۇ چوڭ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى بېرىدۇ. كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى داۋاملىق قەتئىي قوللاپ، يەر شارىۋى ئىقتىساد ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىغا تېخىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىدۇ.

− يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىدە، جۇڭگونىڭ تاشقى ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. بىز خەلقئارا ئىش تەقسىماتىغا تېخىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىپ، يەر شارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرى، قىممەت زەنجىرىگە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك سىڭىپ كىرىمىز. جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغان دۆلەت، رايون، كارخانىلارنىڭ ھەممىسى بىلەن ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرىمىز. بىز كۆپ تەرەپچىللىك ۋە ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېشىل تەرەققىيات ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىمىز.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاسىيا - تىنچ ئوكيان بىزنىڭ ئورتاق يۇرت - ماكانىمىز. بۇلتۇر، مەن ئېچىۋېتىلگەن - سىغدۇرۇشچان، يېڭىلىق يارىتىدىغان - ئاشۇرىدىغان، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئاسىيا - تىنچ ئوكيان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. بىز تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئارزۇنى قەدەممۇ قەدەم رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان خەلقىگە بەخت يارىتىمىز.

شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقۇم ھامان ئۆتۈپ كېتىدۇ، غەلىبە جەزمەن يېتىپ كېلىدۇ. بىز قول تۇتۇشۇپ، قىيىن كۈنلەردە بىللە بولۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى - تاشقى ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ۋە دۇنيانىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنەيلى!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.