تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىنلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىنلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك

لى پېڭشىن قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، يىغىندا پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، دىنلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى.

سۆھبەت يىغىنىدا ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، ئابدۇشۈكۈر رەخمىتۇللا، ياڭ جيې، مەمەتئىمىن ئابلىز، جى رېن، چېن شياۋمىڭ، نۇرشات راشىدىن، ۋاڭ خۇڭ، سۈي خېبىن، بايقېن قاسقېنباي، مۆھتەرەم شېرىپجان قاتارلىق ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ئايرىم - ئايرىم سۆز قىلدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، جەمئىيەت مۇقىم، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى ۋە دىنىي پائالىيەت شارائىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، چوڭ كېسەل سۇغۇرتىسى، كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىم سۇغۇرتىسى، تۆۋەن كاپالەت ۋە ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈش قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىنىي زاتلارنىڭ تۇرمۇش ياردەم تولۇقلىمىسى ئۆلچىمىنى ئۆستۈردى، كەڭ دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىگە چىن كۆڭلىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈردى. كۆپچىلىك يەنە دىن خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دىن ساھەسىدىكى كەڭ زاتلار ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، جەمئىيەت مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقىنى قوغداش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. مەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ دىن ساھەسىدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلارغا چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىن ساھەسىدىكى كەڭ زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇيۇشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى پۇختا ئىگىلەپ، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجى ۋە نورمال دىنىي پائالىيەتلىرىگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك. دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، ھەقىقىي تۈردە ئۇل ئەسلىھە، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەتلەر بىلەن دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى، دىنىي خادىملارنى قاپلىتىپ، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى ۋە دىنىي پائالىيەت شارائىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش كېرەك. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تەربىيەلەش، قوغداش، ئۇلارغا كۆيۈنۈشنى كۈچەيتىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار بىلەن ئالاقىلىشىش تۈزۈمى ۋە قوغداش، كۆيۈنۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار بىلەن تۇغقانلىشىپ، دوستلىشىپ، كۆپ ئۇچرىشىپ، كۆپ سىردىشىپ، كۆپ ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرى ۋە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا چىن قەلبتىن ياردەم بېرىش كېرەك. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، دىنىي زاتلارنىڭ سىياسىي ساپاسى، قانۇن ئېڭى، دىنىي جەھەتتىكى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، دىنىي جەھەتتە بىلىملىك، ئەخلاق - پەزىلەت جەھەتتە ئاممىنى قايىل قىلالايدىغان، ئاچقۇچلۇق پەيتتە رول ئوينىيالايدىغان ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ ئاكتىپ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك، دىن ساھەسىدىكى كەڭ زاتلار ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، دىنىي قائىدە، دىنىي ئەقىدىلەرنى زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات - ئىلگىرىلەش تەلىپىگە ئۇيغۇن، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ئۇيغۇن ھالدا شەرھلەپ، دىنلارنىڭ ئېجىل - ئىناقلىقى، ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك ئىشلار ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.