تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرىمىز

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيەلىك كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى −

شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرىمىز

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى يېڭى دەۋردە شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى زور كۈچ بىلەن ئاشۇرۇپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى چېن لېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى يېڭى دەۋردە شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ مىزانى ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى قىلىپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز. شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، ۋاقىت جەدۋىلى، يول خەرىتىسىنى ياخشى تۈزۈپ ۋە ياخشى يولغا قويۇپ، قانۇنچىللىق نازارەتچىلىكىنىڭ «شەمشەر»لىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش جەمئىيەت، قانۇن - تۈزۈم ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن، خۇاچياۋ - تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ 4 - دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى جيا بىن مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم يوللۇق ۋە مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى چىڭ كۆزلەپ، نىزام چىقىرىشتا كېڭىشىش خىزمىتى تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، نىزام چىقىرىشتا كېڭىشىش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نىزام چىقىرىشتا كېڭىشىشنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىمىز. كېڭىشىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە، كېڭىشىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا كۈچەپ، نىزامنى ئىلمىي چىقىرىش، نىزامنى دېموكراتىك چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋۇ جيەن مۇنداق بىلدۈردى: «ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق شەكلىدىن پايدىلىنىپ، قاراپ چىقىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى بەلگىلەنگەن ھوقۇق چېكى، تەرتىپكە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، قانات يايدۇرۇپ، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش، ۋەزىپە دائىرىسىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈش مەسىلىلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قاراپ چىقىپ، تەكشۈرۈپ، ئىنتىزام شەمشىرى بىلەن قانۇن شەمشىرىنى بىرلەشتۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىنتىزام بىلەن قانۇننى تۇتاشتۇرۇش، قانۇنلارنى جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز».

«بىز شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئاساسىي روھىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئىگىلەپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىمىز ۋە ياخشىلايمىز. مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، قويۇپ بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۈچ خىل ئۇسۇلنى تەڭ قوللىنىپ ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ھۆكۈمەت باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىشنى ياخشىلاپ، <ئالاقە تورى+نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش>، <ئالاقە تورى+ھۆكۈمەت ئىشلىرى> مۇلازىمىتى، <ئالاقە تورى+تەكشۈرۈپ تەستىقلاش> قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەمۇرىيەتنى كەڭ يولغا قويۇپ، <بىر توردا ھەممىنى بېجىرىش>، <بىرلا ئىشىكتىن كىرىش>، <ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش>، <توردا بېجىرىش>، <يېقىن ئەتراپتا بېجىرىش>، < دەرھال بېجىرىش> قاتارلىقلارنى نورمال ھالەتكە ئايلاندۇرۇپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادىي كۈچىنى ئۈنۈملۈك قوزغىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي ئاشۇرىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ شىڭفېڭ.

مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كادىر ساقچىسى لى جىنرۇ مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجىنىڭ تەلىپىنى تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتىنى ئاممىنىڭ يېنىغا يەتكۈزۈپ، خەلق ئاممىسىغا قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ ئادىللىقىنى، ھەققانىيلىقىنى، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ ھارارىتى ۋە كۈچىنى ھېس قىلدۇرىمىز.

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى كىشىنى روھلاندۇرىدۇ، بىزنىڭ خىزمەتلىرىمىزگە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.» ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش نازارىتى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش رېۋىزىيە باش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باش ئەترەت باشلىقى مېي دۇڭ مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن ئىجرا قىلىش تەرتىپىنى چىڭىتىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيمىز.

(مۇخبىر جاۋ جىيۈن، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ يۈنمېي، لى ياڭ، يۈەن لېي، ياڭ شۇخەن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار شى چيەن، گو شياۋۋېن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى