تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئومۇمىي يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

لى پېڭشىن ئاپتونوم رايون مائارىپ سىستېمىسىدا پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى

ئومۇمىي يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن ئاپتونوم رايون مائارىپ سىستېمىسىدا پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى.

لى پېڭشىن لېكسىيە دوكلاتىدا دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، پايدىلىق شارائىت ۋە مۇھىم ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر تونۇش، 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان ۋە «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچى فاڭجېنى، مۇھىم نىشانى، نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرىنى چوڭقۇر تونۇش، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى مائارىپ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەرنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى سىستېمىلىق شەرھلىدى ۋە چوڭقۇر چۈشەندۈردى.

لى پېڭشىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى دۆلىتىمىز يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىش ئالدىدا تۇرغان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتقان پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك، تارىخىي خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە يىغىن. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئومۇمىي يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزىدە يۆنىلىش خاراكتېرلىك، تۈپ خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك بىريۈرۈش مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بېرىپ، نۇرغۇن يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈم، يېڭى تەلەپلەرنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلمىي كۆرسەتمە ۋە تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. بىز تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تونۇپ، تەرەققىيات مۇھىتىدىكى چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىشلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى چوڭقۇر تونۇپ، پۇرسەت ئېڭى، خەۋپ - خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ئىشنى ياخشى باشلىشىمىز، قەدەمنى ياخشى ئېلىشىمىز كېرەك.

لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق، جانلىق ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قويۇق كەيپىياتى يارىتىپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنى قوزغاپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭىشىشى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا كەڭ تارقىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

لى پېڭشىن مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىكىلەر ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى تەتقىق قىلىپ پىلانلاپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە يەنىمۇ چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، مەكتەپ، ئائىلە، جەمئىيەت ماسلىشىپ ئادەم تەربىيەلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مائارىپ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىي خەلققە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى تىرىشىپ ياخشى باشقۇرۇپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن مائارىپ سىستېمىسىنىڭ تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇشى كېرەك.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سۈن خۇڭمېي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى