تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ئىدىيە ھەرىكەتنىڭ يول باشچىسى، نەزەرىيە ئەمەلىيەتنىڭ يول كۆرسەتكۈچىسى. دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش دۆلەت ئىدارە قىلىشتىكى بىر مەيدان چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇپ، جەزمەن ئىلمىي نەزەرىيەنى يېتەكچى قىلىپ، نەزەرىيەۋى تەپەككۇرنى كۈچەيتىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش جەھەتتە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئىدىيەۋى نەزەرىيە نەتىجىلىرىنى ياخشى يەكۈنلەپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە تېخىمۇ ياخشى يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدىن، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى مۇساپىسى، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتتى، ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، «11دە چىڭ تۇرۇش» ئارقىلىق يېڭى دەۋردە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى سىستېمىلىق بايان قىلدى، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدىكى بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە چوڭقۇر جاۋاب بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، نەزەر دائىرىسى چوڭ ۋە كەڭ، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، ئىدىيەۋىلىككە، نەزەرىيەۋىلىككە ئىگە، ئۇنىڭدا چوڭقۇر ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر، روشەن سىياسىي يۆنىلىش، كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق، سەمىمىي خەلقچىل ھېسسىيات نامايان قىلىنغان بولۇپ، يېڭى دەۋردە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. بۇ قېتىمقى مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ باش تېمىسى مۇھىم، زور، ئەھمىيىتى مۇھىم، زور، ئەڭ مۇھىمى شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتىدىكى يېتەكچىلىك ئورنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى مۇساپىسىدە مۇھىم، زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە چوڭ ئىش.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆزى پىلانلاپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئۆزى تۈرتكە بولدى. بۇ جەرياندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول، ئىلمىي، سىستېمىلىق ئىدىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى مۇساپىسىدە مۇھىم، زور سىياسىي ئەھمىيەتكە، نەزەرىيەۋى ئەھمىيەتكە، ئەمەلىيەت ئەھمىيىتىگە ئىگە. شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى تارىخنى رېئاللىق بىلەن تۇتاشتۇرۇش، خەلقئارانى دۆلەت ئىچى بىلەن باغلاش، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈش جەھەتتىن يېڭى دەۋردە نېمە ئۈچۈن دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يولغا قويۇلىدۇ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى قانداق يولغا قويۇش كېرەك قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بەردى، بۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت دەۋر تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ ۋەزىيەت ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلگەن مۇھىم، زور نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسى، ماركسىزملىق قانۇنچىللىق نەزەرىيەسىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ مىزانى ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدا تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشنىڭ بولۇشى، تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىدە مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى تۈپتىن ئېيتقاندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولغان.

شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول، بايانى چوڭقۇر، لوگىكىسى پۇختا، سىستېمىسى مۇكەممەل. ئۇنىڭ ئاساسىي تەرىپىدىن ئېيتقاندا، ئۇ دەل باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزىدە مۇپەسسەل يىغىنچاقلانغان «11دە چىڭ تۇرۇش»: پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش؛ خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا چىڭ تۇرۇش؛ دۆلەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش؛ قانۇنچىللىق يولىدا دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇش؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسى قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش؛ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىل دۆلەت، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش؛ قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇش؛ دۆلەت ئىچىدىكى قانۇنچىللىق بىلەن چەت ئەلگە چېتىشلىق قانۇنچىللىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇش؛ ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك بولغان يۇقىرى ساپالىق قانۇنچىللىق خىزمىتى قوشۇنى قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش؛ رەھبىرىي كادىرلاردىن ئىبارەت بۇ «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىق»لارنى چىڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ «11دە چىڭ تۇرۇش» ھەم مۇھىم، زور خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى، ھەم مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيە، بىز جەزمەن چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك.

بارلىق ئۇلۇغ ئەمەلىيەتنىڭ ھەممىسى ئىلمىي نەزەرىيەنىڭ توغرا يېتەكلىشىگە موھتاج. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشنى ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئاساسىي روھىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئىگىلەپ، خىزمەت تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ سىياسىي يۆنىلىشى، مۇھىم ئورنى، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى، نۇقتىلىق ۋەزىپىسى، مۇھىم، زور مۇناسىۋىتى، مۇھىم كاپالىتىنى پۇختا ئىگىلەپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتكۈل جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇشى كېرەك. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى