تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق شۆيۈەنى بىلەن ساھىبخانا شەھەر ئەسلەتمىسى ئىمزالىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق شۆيۈەنى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئوتتۇرا ئاسىيا شۆيۈەنى دېيىلدى) بىلەن ساھىبخانا شەھەر ئەسلەتمىسى ئىمزالىدى.

مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى زوۋ جيايى، ئوتتۇرا ئاسىيا شۆيۈەنىنىڭ باشلىقى سەيىد شاكىر شاھ سىنلىق سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۇنلىن ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مالىيە نازارىتىنىڭ نازىرى ۋەن خەيچۇەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.

زوۋ جيايى مۇنداق كۆرسەتتى: ئوتتۇرا ئاسىيا رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ باسقۇچلۇق نەتىجىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئوتتۇرا ئاسىيا شۆيۈەنى «ئوتتۇرا ئاسىيا رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى 2030 ئىستراتېگىيەسى» ۋە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كونكرېت تەلىپىنى داۋاملىق چۆرىدەپ، رايون ھەمكارلىقىغا مۇلازىمەت قىلىش كەسپىنى مەركەز قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك كەسپىي پائالىيەتلەرنى قاراتمىلىق ھالدا قانات يايدۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ بىلىمدىن ئورتاق بەھرىلىنىش سۇپىسىغا ئايلىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ.

سەيىد شاكىر شاھ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئوتتۇرا ئاسىيا شۆيۈەنى ئالدىنقى قاتاردىكى رايون ئاقىللار ئامبىرى سۈپەتلىك ماركىسىنى تەرەققىيات نىشانى قىلغان بولۇپ، مەقسىتى بىلىم مەھسۇلاتلىرى ۋە ئاقىللار ئامبىرى ئالماشتۇرۇشى بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق، ئوتتۇرا ئاسىيا رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مېخانىزمى بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ئىستراتېگىيەلىك ئۇدۇللاشتۇرۇش جەھەتتە بىلىمنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىكى كاتالىزاتورلۇق رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ قېتىمقى ھەمكارلىق شۆيۈەننىڭ تەرەققىي قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىشىغا يەنىمۇ كۈچ قوشىدۇ.

ۋەن خەيچۇەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەسلەتمە ئىمزالاش جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا شۆيۈەنىنىڭ ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ، ئۆزئارا ھەمكارلىقنىڭ يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شىنجاڭ شۆيۈەننى ھەر تەرەپلىمە مەدەت ۋە قولايلىق كاپالەت بىلەن تەمىنلەپ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى