تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون 2021- يىللىق پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىنى تارقىتىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون سىن يىغىنى ئېچىپ، 2021 - يىللىق پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىنى تارقىتىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىنى تارقىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىنى تارقىتىش خىزمىتىنى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، ھەقىقىي ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىنى تارقىتىشتىكى تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىنى تارقىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنى ھەمدە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا بىرلىككە كەلتۈرۈشكە يېتەكلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئورۇنلار، ھەرقايسى تارماقلار تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئالاقىدار ئۇقتۇرۇشتىكى تەلەپ بويىچە مۇشتەرى بولۇش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ مۇشتەرى بولۇش خىراجىتىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مۇشتەرى بولۇش مېخانىزمى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ھەم ھەقىقىي تۈردە ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشى، ھەم پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىنىڭ قاپلاش دائىرىسىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. تارقىتىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، 2021 - يىللىق پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىنىڭ تارقىتىلىشىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن گېزىت ئوقۇش تاختىسى، ئوقۇش ئۆيى قاتارلىقلارنى تەسىس قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، بولۇپمۇ ياش پارتىيە ئەزالىرىنى پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلى ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە جەمئىيەت تەشۋىقات - تەربىيە پائالىيىتى قاتارلىق مۇھىم ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىنىڭ مۇھىم تەشۋىقات ماتېرىيالىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، نۇقتىلىق پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىنى تارقىتىش بىلەن «ئانار بۇلۇت» تېرمىنالىنى تەشۋىق قىلىپ ئومۇملاشتۇرۇش، چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، تەسىرلىك، جانلىق، ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان، ئەمەلىيەتكە يېقىن شەكىلدە ھەر مىللەت ئاممىغا ياخشى تەشۋىق قىلىش، تەربىيە بېرىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، گېزىت چىقىرىش، ژۇرنال چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، مەزمۇننى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەزمۇننىڭ نوپۇزلۇقلۇقى، توغرىلىقى جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، يېزىقچىلىق ئىستىلىنى كۈچەپ ياخشىلاپ، تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى ۋە ئاممىۋى ئىشەنچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. ئالاقە تورى تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تاراتقۇلارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قوشۇننى ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا ئومۇميۈزلۈك يۈزلەندۈرۈپ، پارتىيە ساداسىنىڭ تۈرلۈك تېرمىناللارغا بىۋاسىتە كىرىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى