تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز «شىنجاڭ سۈپىتى» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىدۇ

ئۆلچەم، ئىسپات بېرىش - ئېتىراپ قىلىش، تەكشۈرۈش - تەكشۈرۈپ ئۆلچەشتىن ئىبارەت ئۈچ بىر گەۋدىلەشتۈرۈلىدۇ

ئاپتونوم رايونىمىز «شىنجاڭ سۈپىتى» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ شىيانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئاچقان خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئۆلچەم ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، «شىنجاڭ سۈپىتى» قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق يولغا قويۇپ، «شىنجاڭ سۈپىتى»نى بەرپا قىلىپ، «شىنجاڭ» ناملىق داڭلىق ماركىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، 2017 - يىلى ئاپتونوم رايون «سۈپەت كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى قارار»نى چىقارغان، ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز «چوڭ سۈپەت» خىزمىتى مېخانىزمىنى تەدرىجىي ئورنىتىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، سۈپەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلەتكەن، پۈتكۈل جەمئىيەت يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشقا بارغانسېرى ئەھمىيەت بەرگەن، سۈپەت تەرەققىيات مۇھىتى يەنىمۇ ئەلالاشقان. بۇ يىل 9 - ئايدا، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ئېلان قىلغان 2019 - يىللىق ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ سۈپەت خىزمىتىنى باھالاش نەتىجىسىدە، شىنجاڭ تۇنجى قېتىم B دەرىجە بولۇپ باھالىنىپ بېكىتىلىپ، زور بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، «سۈپەت كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى قارار»دا بېكىتىلگەن «دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش» نىشانىنى مۇددەتتىن بىر يىل بۇرۇن تاماملىغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئىچكىرى رايونلارنىڭ پايدىلىق تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىش ئاساسىدا، ئاپتونوم رايونىمىز ئۆلچەم، ئىسپات بېرىش - ئېتىراپ قىلىش، تەكشۈرۈش - تەكشۈرۈپ ئۆلچەش قاتارلىق سۈپەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى يۇغۇرۇپ قوللىنىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۈچنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ «شىنجاڭ سۈپىتى» رايون ئاممىۋى سۈپەتلىك ماركىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ دەسلەپكى تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ھازىر بۇ خىزمەت ۋاقتىنچە «شىنجاڭ سۈپىتى» قۇرۇلۇشى قىلىپ بېكىتىلىپ، «14 - بەش يىل»دا سۈپەت كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى يۇقىرى سەۋىيەدە ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىنىپ، ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە تىرىشىش ئارقىلىق، رايون خاسلىقى روشەن، دۆلەت ئىچى - سىرتىدا نام چىقارغان «شىنجاڭ» ناملىق داڭلىق ماركىدىكى ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات، مۇنەۋۋەر كارخانا، ئەلا، سۈپەتلىك ماركىلارنى يېتىلدۈرۈپ، شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش پىلانلانغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى