تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭ يەكەن ناھىيەسى: پارنىك كۆكتاتلىرى موللىشىپ، «كۆك-تاق» «ھەميان» نى تومپايتتى

  خەلق گېزىتى خەۋىرى: يېقىندا، شىنجاڭ يەكەن ناھىيەسى ئالامەت بازىرى دۆڭئۆستەڭ كەنتىدىكى پارنىكتا بەسەيدىن مول ھوسۇل ئېلىندى، كۆكتاتچى دېھقانلارنىڭ چېھرىدە كىرىمنى ئاشۇرۇش خۇشاللىقى جىلۋىلەندى.

  ياپيېشىل كۆكتات لاپىسىدا، مول ھوسۇل ئېلىنغان بەسەي ھەممە يەرنى قاپلىدى، كەنت ئاھالىسى ئابدۇرېھىم ئوسمان پارنىكتا ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى، ئابدۇرېھىم ئوسمان يېڭى بەسەيلەرگە قاراپ، خۇشال بولۇپ كەتتى، ئۇ خوتۇنى بىلەن بۇ يىللىق ھوسۇل توغرىسىدا پاراڭلاشتى. «بۇ يىل بۇ كۆكتاتلارنى 1500 يۈەنگە سېتىشتا چاتاق يوق، كەنت بىزگە بۇ پارنىكنى ھەقسىز بەردى، تۇرمۇش شارائىتىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى، يەنە نۇرغۇن يېڭى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئۆي جاھازلىرى سېتىۋالدۇق.» دېدى ئابدۇرېھىم ئوسمان مىننەتدارلىق بىلەن.

  پارنىكتىكى تېرىقچىلىق سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ناھىيە، يېزا دەرىجىلىك تېخنىكا يېتەكچىلىرى دائىم پارنىكقا كېلىپ، دېھقانلارنىڭ تېرىقچىلىق باشقۇرۇش، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق تېخنىكىلىرىغا يۈزتۇرا يېتەكچىلىك قىلىپ، تېرىقچىلىق قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ۋاقتىدا ھەل قىلدى. تېخنىكنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتەكلىشى بىلەن، ئابدۇرېھىم ئوسمان تەدرىجىي ھالدا بەسەينى قانداق ئىلمىي تېرىشنى ئۆگىنىۋالدى.

  بەسەيدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا ئەگىشىپ، دۆڭئۆستەڭ كەنتى ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى يىلدىن-يىلغا ئاشتى، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى ئابدۇرېھىمغا ئوخشاش پارنىكتا كۆكتات ئۆستۈرۈش ئارقىلىق «نامراتلىق قالپىقى»نى چۆرۈپ تاشلاپ، مۇقىم نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۇرمۇشىنى بارغانسېرى بېيىتتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ۋە ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسىنىڭ يەكەن ناھىيەسى ئالامەت بازىرى دۆڭئۆستەڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1-شۇجى سۈن يۈ مۇنداق دېدى: «سېتىش يولىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بىز ناھىيە بازىرىدىكى توپ سېتىش بازىرى ۋە ھەرقايسى چوڭ كۆكتات بازارلىرىغا بېرىپ، دېھقانلار بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، كېيىنكى قەدەمدە دېھقانلار بىلەن بىللە مەسلىھەتلىشىپ، ئىقتىسادىي قىممىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان كۆكتات تۈرلىرىنى تاللاپ، لاپاسنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، كىرىمنى تېخىمۇ ياخشى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىمىز.»

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالامەت بازىرى دۆڭئۆستەڭ كەنتى ئاساسلىقى سەۋزە، بەسەي، ياڭيۇ قاتارلىق پەسىلسىز كۆكتات تېرىشنى ئاساس قىلىپ، يىلدا ئىككى قېتىم ھوسۇل ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. پارنىك كۆكتاتلىرى كىشىلەرنىڭ «كۆك-تاق»ىنى بېيىتىش بىلەن بىللە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «ھەميېنى»نى تومپايتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى يېڭى كەسىپكە ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى