شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 11-ئاينىڭ 9-كۈنى، كۇچا شەھىرى چىمەن بازىرى ئۆگەن كەنتىدىكى دېھقانلار پەمىدۇر ئۈزمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۇچا شەھىرى چىمەن بازىرى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، دېھقانلارنى شوخلا، لازا، پالەك، گۈل ـ گىياھ قاتارلىقلارنى تېرىش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلىدى. (نىياز راخمان فوتوسى)
11-ئاينىڭ 10-كۈنى، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى تارباغاتاي شۆبىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مۇتەخەسسىسى جاڭ گۇاڭرېن (ئوڭدا) كۆكتاتچىلارغا بۆلجۈرگەن ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى تارباغاتاي شۆبىسى (ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا ئورنى) ئىلمىي تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىتىش ئارقىلىق، دېھقانلارنى مېۋە، كۆكتات يېڭى سورتلىرىنى سىناق تەرىقىسىدە تېرىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدى. (ۋاڭ چۈنلىن فوتوسى)