تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى

  2020 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، چارۋىچىلار قوي پادىلىرىنى ھەيدەپ، شىنجاڭ ئارشاڭ ناھىيەسى ئوتوكسېل تېغى جىلغىسىدىكى تاغ يولىدا ماڭماقتا، سۈرەتتە ئىلى قورغاس ناھىيەسىدىكى چارۋىچىلار بورتالا ئوبلاستىنىڭ ئارشاڭ ناھىيەسىگە رايون ھالقىپ كۆچمەكتە.

  خەلق تورى خەۋىرى: تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئارشاڭ ناھىيەسىدە ئىلى رايونىدىكى چارۋىچىلىق مەيدانلىرى ئىزچىل ساقلاپ قېلىندى، ئەتىيازدىن قىشقىچە ئىلىدىكى چارۋىچىلار يەر ھالقىپ كۆچىدۇ. 11 ـ ئاي كىرىشى بىلەن، ئىلىنىڭ قورغاس ناھىيەسىدىن كەلگەن چارۋىچىلار قوي پادىلىرىنى ھەيدەپ، كەڭسايدىكى چارۋا يولى ئارقىلىق سايرام كۆلىگە كىرىپ، خوخئېرچىن تېغىدىن ھالقىپ، ئوتوكسېل دەرياسى جىلغىسىغا كىرىپ، يەنە بيېجېنتاۋ تېغىدىن ھالقىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئارشاڭ ناھىيەسىدىكى كازەن دەرياسى ۋە سۇلۇبېيجىن قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانىغا يېتىپ كېلىدۇ، كېلەر يىلى 3 ـ ئايدىن 4 ـ ئايغىچە، بۇ چارۋىچىلار يەنە ئەسلىدىكى يول بىلەن ئەتىيازلىق ئوتلاققا قايتىپ كېتىدۇ. خۇ ۋېيبىن فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى