تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

خوشۇت ناھىيەسى: ئېتىز پەرۋىشىنى كۈچەيتىپ كۈزگى بۇغداينىڭ قىشتىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى

11-ئاينىڭ 14-كۈنى، خوشۇت ناھىيەسى شىنتارا يېزىسى زېگىدېن ئاتىس كەنتىدىكى بىر كۈزگى بۇغدايلىقتا، خوشۇت ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ تېخنىكى دېھقانلارغا كۈزگى بۇغداينىڭ قىشتىن ئۆتۈش بىلىملىرىنى چۈشەندۈرمەكتە.

تىيانشان تورى خەۋىرى (تەكلىپلىك مۇخبىر بۇيىنكىشىك خەۋىرى، فوتوسى): ھازىر، خوشۇت ناھىيەسىدىكى 69 مىڭ مو كۈزگى بۇغداي قىشتىن ئۆتۈش مەزگىلىگە كىرىش ئالدىدا تۇرماقتا. خوشۇت ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ تېخنىكلىرى كۈزگى بۇغداينىڭ قىشتىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئېتىزلارغا بېرىپ، كۈزگى بۇغداينىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، دېھقانلارغا كۈزگى بۇغداينىڭ قىشتىن ئۆتۈش بىلىملىرىنى چۈشەندۈردى.

بۇ يىل، خوشۇت ناھىيەسىنىڭ شىنتارا يېزىسى زېگىدېن ئاتىس كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ساۋ شياۋجياڭ 90 مو يەرگە كۈزگى بۇغداي تېرىدى، 11-ئاينىڭ 14-كۈنى، دېھقانچىلىق تېخنىكلىرى ئۇنىڭ ئېتىزىغا كېلىپ كۈزگى بۇغداينىڭ قىشتىن ئۆتۈش بىلىملىرىنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى. ساۋ شياۋجياڭ مۇنداق دېدى: «بۇ بىر نەچچە يىلدا، مەن ھەر يىلى بۇغداي تېرىدىم، بىرلىك ھوسۇل ئىزچىل 600 كىلوگىرامدىن ئارتۇق بولدى، بۈگۈن تېخنىكلارنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كۈزگى بۇغداينىڭ قىشتىن قانداق قىلغاندا بىخەتەر ئۆتىدىغانلىقىنى يەنىمۇ چۈشەندىم. بۇنىڭدىن كېيىن، تېخنىكلارنىڭ تەلىپى بويىچە ھەر بىر ھالقىنى ياخشى ئىشلەپ، كۈزگى بۇغداينى قىشتىن بىخەتەر ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمەن».

خوشۇت ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ تېخنىكلىرى شۇنداق ئەسكەرتىش بېرىدۇ: كۈزگى بۇغداينىڭ تېمىتىپ سۇغىرىش مىقدارى چوقۇم يېتەرلىك بولۇشى، ئۆلۈك بۇلۇڭ قالدۇرماسلىقى كېرەك، ئادەتتە بىر مو يەرگە 40-60 كۇب مېتىر سۇ تېمىتىلسا بولىدۇ؛ چارۋىلارنىڭ ئېتىزغا كىرىپ دەسسىشىنى قاتتىق چەكلەش كېرەك، چۈنكى كۈزگى بۇغداي قىشتىن ئۆتۈش مەزگىلىدە ئوزۇقلۇقنىڭ ھەممىسى يىلتىز سىستېمىسىغا مەركەزلىشىدۇ، چارۋىلارنىڭ يەرنى دەسسىشى يىلتىز سىستېمىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، مەھسۇلات مىقدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ كۈزگى بۇغداي سۇ تامچىلاپ سۇغىرىشتىن قېلىپ، بەزى يەرلەردە يېرىق پەيدا بولسا، ئازراق شورلۇق تۇپراقنى يېرىققا چېچىپ، كۈزگى بۇغداينىڭ يىلتىز سىستېمىسىنى قوغداپ، ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلسا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى