تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

لوپ ناھىيەسى ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى بەرپا قىلىپ، بوستانلىق كۆلىمىنى سىجىل كېڭەيتتى

   ئانار بۇلۇت: مۇخبىر 11-ئاينىڭ 15-كۈنى لوپ ناھىيەسىدىكى ھاڭگىيا دارۋان دۆلەت دەرىجىلىك ئاممىۋى مەنپەئەت ئورمىنىنى باشقۇرۇش-قوغداش پونكىتىدا، خىزمەتچى خادىملار بۇلتۇر باشقۇرۇش-قوغداش پونكىتى ئەتراپىغا تىككەن يۇلغۇننىڭ ئۆسۈپ يېرىم مېتىرغا يەتكەنلىكىنى كۆردى.

  «ئىلگىرى بۇ يەر قاقاسلىق ئىدى. 2019-يىلى تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى توغراقلىقنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىدىن پايدىلىنىپ، بىز تەبىئىي ئېكولوگىيە ئورمىنىغا كەلكۈن باشلاپ سۇغىرىش بىلەن بىللە، يۇلغۇن، توغراق ئۇرۇقىنى چاچتۇق، يېڭىدىن ئۆسۈپ چىققان يۇلغۇن، توغراق كۆچەتلىرى ئۆسۈپ %70تىن ئاشتى.» دېدى لوپ ناھىيەسى ھاڭگىيا دارۋان باشقۇرۇش-قوغداش پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى ئابلىكىم ئابلا مۇخبىرغا.

  2019-يىلى، «تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى توغراقلىقنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى» خوتەندە رەسمىي باشلاندى. «تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى توغراقلىقنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى»نىڭ شەرق شامىلىدىن پايدىلىنىپ، لوپ ناھىيەسى دۆلەت مالىيەسى مەخسۇس تۈر مەبلىغى سېلىنمىسىدىن پايدىلىنىپ، توغراقلىقنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ ھەقىقىي، ئۈنۈملۈك ئەسلىگە كېلىشىگە ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلدى. شۇ يىلى، لوپ ناھىيەسى 4.7 كىلومېتىر كەلكۈن باشلاش ئۆستىڭى، سۇ مىقدارى ئالتە-سەككىز كۇب مېتىر كېلىدىغان سۇ توسمىسى ياساپ، 50 مىڭ مو تەبىئىي ئورمانلىقنى سۇغاردى؛ 2020-يىلى، پىلاندىكى 50 مىڭ مو تەبىئىي ئورماننى سۇغىرىپ، 30 مىڭ مو يەرنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ تاماملاپ، ئىككى كىلومېتىر ئەتراپىدىكى توسمىنى ياساشنى تاماملىدى ھەم قاقاسلىققا يۇلغۇن، سۆكسۆك، توغراق قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇرۇقىنى چېچىپ، بوز يەرنىڭ يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى. ئۆلچەپ تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، كەلكۈن باشلاپ سۇغىرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق، سۇغىرىش رايونىدىكى توغراقلىقتا ئەسلىگە كېلىش خاراكتېرلىك ئۆسۈش كۆرۈلۈپ، سۇغىرىلىدىغان ئوت-چۆپ بىلەن قاپلىنىش دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك ئاشقان.

  لوپ ناھىيەلىك دۆلەت ئورمانچىلىق مەيدانى باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن پونكىت باشلىقى ئىمىن توختى مەمەتئىمىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى، تەبىئىي ئورمانلارنى سۇغىرىشتا پايدىلىنىدىغىنىمىز يېزا ئىگىلىكىدە ئېشىپ قالغان سۇ بولۇپ، سۇ باشلاشتا ناھايىتى زور توسالغۇ بار ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، تەبىئىي ئورمان رايونلىرىدا ئىچىدىغان سۇدا سۇغىرىش ئارقىلىق لوپ ناھىيەسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، ساياھەتچىلىكىمۇ تەرەققىي قىلدى. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز يەنە ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈرىنى يولغا قويۇشنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈش شارائىتىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلاپ، بوستانلىق كۆلىمىنى سىجىل كېڭەيتىمىز.»

  (مەنبە: لوپ نۆل ئارىلىق)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى