تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈش كۆچەت ۋە گۈل-گىياھ كەسپىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى ياراتتى

  ئانار بۇلۇت: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قۇتۇبى ناھىيەسى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، كەسىپ بەرپا قىلىپ، كۆچەت ۋە گۈل-گىياھ كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپلەر گۈللەنگەن، پۇقرالار باي، ئېكولوگىيەسى گۈزەل بولغان يېشىل تەرەققىيات يولىغا قاراپ ماڭدى.

  قۇتۇبى ناھىيەسى 30 نەچچە يىللىق كۆچەت ۋە گۈل-گىياھ ئۆستۈرۈش تارىخىغا ئىگە بولۇپ، ئىلگىرى تارقاق تېرىقچىلىق ئاساس قىلىنغاچقا، كۆلەم شەكىللەندۈرەلمەيتتى، بۇ بىر نەچچە يىلدا كۆچەت ۋە گۈل-گىياھ بازىرىنىڭ ئەھۋالى ئۆزگىرىشچان بولۇپ، باھادا ئۆزگىرىش بولۇپلا قالماي، يەنە كۆچەت ۋە گۈل-گىياھلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشمۇ بار ئىدى. شۇ جاي كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، بازار خەۋپ-خەتىرىگە تاقابىل تۇرۇپلا قالماي، تېرىقچىلىق جەھەتتىمۇ خاسلاشتۇرۇش، سەرخىللاشتۇرۇش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى.

  بۇ يىلنىڭ بېشىدا، لىنشى كۆچەت يېتىشتۈرۈش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى دادىللىق بىلەن پىلانلاپ، 200 مو يەرنى ئاجرىتىپ، چوڭ ئۆلچەمدىكى سەرخىل كۆچەت بازىسى قۇرۇپ، كۆچەت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە مەھسۇلات قىممىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، پۈتكۈل كەسىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

  بۈگۈنكى كۈندە، تېخىمۇ كۆپ كۆچەت تىككۈچى دېھقان كۆچەت ۋە گۈل-گىياھ كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدىن نەپكە ئېرىشتى، لىن مىڭمىڭ كۆچەت ئۆستۈرۈشكە تايىنىپ ھاللىق تۇرمۇش كەچۈردى.

  لىنشى كۆچەت تىكىش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزاسى لىن مىڭمىڭ مۇنداق دېدى: «ھەر يىلى تەخمىنەن 500 مىڭ يۈەن پايدا تەقسىم قىلىنىدۇ، ئۆزۈمنىڭكىنى قوشقاندا كۆچەتلەرنىڭ سېتىلىشى تەخمىنەن 400 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، كىرىمىم ئۇششاق پايچى بولغان چاغدىكىدىن تەخمىنەن %50 ئېشىپ، ھاللىق تۇرمۇشقا قاراپ قەدەم تاشلىدىم.»

  قۇتۇبى ناھىيەسى يەنە كۆچەت كەسىپ زەنجىرىنى پائال ئۇزارتىپ، كىچىك ئۈزۈم بىلەن 1-، 2-، 3-كەسىپلەرنى تۇتاشتۇردى. ۋۇگۇڭتەي بازىرىغا جايلاشقان تاڭدۈن مېۋىلىك بېغىدا ئۈزۈم ئۆستۈرۈلۈپلا قالماي، يەنە ئۈزۈم كەسىپ زەنجىرى ئۇزارتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قۇتۇنى ناھىيەسى يېشىل يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، مەدەنىيەت ساياھىتىنى ھېس قىلىش شەكلىدىكى ئۈزۈش ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېشىل تەرەققىيات ئارقىلىق يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلدى.

  سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، يىرىك باشقۇرۇشتىن كەسىپلەر توپلىشىشقىچە، قۇتۇبى ناھىيەسى يەر، مەبلەغ قاتارلىق بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈپ، كۆلەمنى كېڭەيتىش، يېڭى تېخنىكا، يېڭى سورت ئارقىلىق سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، كۆلەملەشكەن كەسىپ ئەۋزەللىكىنى گەۋدىلەندۈردى. نۆۋەتتە ناھىيە بويىچە كۆچەت يېتىشتۈرۈش كۆلىمى 150 مىڭ موغا يېتىپ، 66 كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلدى، شىنجاڭ سىرتىدىكى چوڭ تىپتىكى باغ-ئورمان شىركىتىدىن سەككىزى كىرگۈزۈلدى، 30 مىڭغا يېقىن دېھقان كۆچەت ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، يىلىغا 150 مىليون تۈپ ھەر خىل كۆچەت ۋە گۈل-گىياھ سېتىلدى، سېتىش سوممىسى 1 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يېتىپ، غەربىي شىمالدىكى مۇھىم كۆچەت ۋە گۈل-گىياھ ئىشلەپچىقىرىش، يىغىش-تارقىتىش بازىسىغا ئايلاندى.

  ناھىيەدىكى كۆچەت ۋە گۈل-گىياھ باغچە رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يۈ بىنيۈ مۇنداق دېدى: «كەلگۈسىدە كۆچەت ۋە گۈل-گىياھ كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدا ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، كۆچەت ۋە گۈل-گىياھ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئىلمىي پىلانلاپ، بازارنى يېتەكچى قىلىپ، ئۆلچەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۆچەت ۋە گۈل-گىياھ كەسپىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرىمىز.»

(قۇتۇبى ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، مۇخبىر شۈ چېڭشيۇ، ئىختىيارىي مۇخبىر تاۋ ۋېيمىڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى