تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

ياچېيكا يول باشلىدى كىرىمنى ئاشۇرۇشتىن غەم يوق

بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار لياڭ جۈنپېڭ، ما گاۋكۈن خەۋەر قىلىدۇ): «بىزنىڭ ئائىلە 22 مو يەرگە ياڭاق كۆچىتى تىككەن، ياڭاقنىڭ ھەممىسى 10-ئايدىلا سېتىلىپ بولدى. ھازىر ئالما پىشتى، ليەندۈي پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن، 3-ليەندىكى باغۋەن لۇ خۇڭيەننىڭ بېغىدا ئالما ئۈزدۈم، 20 كۈن ئىشلەپ، 5000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپتىم». 11-ئاينىڭ 10-كۈنى، يېقىنقى مەزگىلدىكى كىرىمى تىلغا ئېلىنغاندا، 5-تۇەننىڭ شاخې بازىرى 3-ليەنىدىكى غالىپجان غوپۇر خۇشال ھالداشۇنداق دېدى. 

ئاساسىي قاتلام پارتىيە ياچېيكىسى ئاممىنىڭ «تايانچى»سى، تېخىمۇ مۇھىمى، ئاممىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى يول باشلىغۇچىسى. 3-ليەن پارتىيە ياچېيكىسى ئاساسىي قاتلام پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ليەندۈينىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «ياچېيكا يول باشلاش، كەسىپ ئارقىلىق يول ياساش، سىياسەت ئارقىلىق تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش» ئارقىلىق، تەرەققىيات يولىنى توغرا تېپىپ، كەسىپلەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش، ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ئىشچى-خىزمەتچى ئاممىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھازىر 5-تۇەن شاخې بازىرى خۇڭفۇشى ئالمىسىنى يىغىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتاتتى، ئۈزۈش، ئوراش، قاچىلاش، چۈشۈرۈش، توشۇش قاتارلىق ئىش تەرتىپلىرىگە زور مىقداردىكى ئەمگەك كۈچى كېتەتتى، 3-ليەن پارتىيە ياچېيكىسى نۇقتا بويىچە ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى، بىر تەرەپتىن باغۋەنلەرنىڭ ئىشچى ئىشلىتىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىندى، يەنە بىر تەرەپتىن ليەندۈيدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىلدى.

«بىزنىڭ 3-ليەندە بىر ۋېيشىن توپى بار، ليەندۈي <ئىككى كومىتېت>ى ئەزالىرى دائىم بۇ يەرگە ئىشچى ئىشلىتىش ئۇچۇرلىرىنى يوللايدۇ، مەسىلەن باغدا ئالما ئۈزۈش، ئېتىزلىقتا پاختا تېرىش دېگەندەك. ئائىلىمىزدە ئۈچىمىز ئىشلەيمىز، ھەر بىرىمىز كۈنىگە 200 يۈەندىن 250 يۈەنگىچە كىرىم قىلىمىز، ئۈچىمىز 20 كۈن ئىشلەپ، 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدۇق» دېدى غالىپجان غوپۇر كۈلۈپ تۇرۇپ.

لۇ خۇڭيەننىڭ بېغىدا، غالىبجان غوپۇرغا ئوخشاش مېۋە ئۈزۈش ئىشچىسىدىن يەنە 12سى بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى 3-ليەن پارتىيە ياچېيكىسى ئۇنىڭغا تونۇشتۇرغانىدى.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا، 5-تۇەن شاخې بازىرى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش ئارقىلىق، ماسكا پىششىقلاش كارخانىسىنى كىرگۈزدى. ماسكا زاۋۇتى ئىشچىلارغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇپ، ليەندۈي پارتىيە ياچېيكىسى ئەمگەكچىلەرنى ماسكا زاۋۇتىغا بېرىپ ئىشلەشكە پائال ماسلاشتۇردى، ليەندۈي ئاھالىسى سادىر قادىر ليەندۈي پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ماسكا زاۋۇتىغا كېلىپ ئىشلىدى.

«مېنىڭ ھازىر بىر ئايلىق مائاشىم 3000 يۈەن ئەتراپىدا. خىزمەت مۇھىتىمۇ ياخشى، ئىشقا بېرىپ كېلىشتە شىركەت ماشىنا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، مەن بۇ خىزمەتنى بەك ياخشى كۆرىمەن» دېدى سادىر قادىر.

سادىر قادىرغا ئوخشاش، 300گە يېقىن كىشى 5-تۇەننىڭ شاخې بازىرىدا ماسكا زاۋۇتى ۋە كىيىم-كېچەك زاۋۇتىغا ئىشقا ئورۇنلاشتى. ئۇلارنىڭ مۇقىم كىرىمى بار بولدى، تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى