تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭ بايدىكى رەڭدار جىلغا پىيادە مېڭىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ «داكا» جايىغا ئايلاندى

  ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز سۈن فاڭتىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز سۈي يۈيۇڭ): يېقىندا، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيەسى تەۋەسىدىكى بىر سىرلىق جىلغا دالىدا پىيادە مېڭىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ، بەس-بەستە «داكا» قىلىشقا باشلاندى.

   بۇ جىلغا باي ناھىيەسىنىڭ سايرام بازىرىنىڭ شىمالىدىكى رايونغا جايلاشقان، سايرام بازىرى بىلەن بولغان تۈز سىزىق ئارىلىقى تەخمىنەن 30 كىلومېتىر بولۇپ، ئاساسەن غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا قاراپ سوزۇلغان.

   «پىيادە ساياھەت قىلغىلى كەلدۇق، گەرچە بەك ھېرىپ كەتكەن بولساقمۇ، لېكىن بۇ يەر ھەقىقەتەن بەك چىرايلىق ئىكەن، كېلىشكە ئەرزىيدىكەن.» دېدى باي ناھىيەسىدىكى دالىدا پىيادە مېڭىش ھەۋەسكارى ۋاڭ شەنشەن.

   «يېقىندا باي ناھىيەسىدىكى <دالا ساياھەتچىسى> پىيادە مېڭىش جەريانىدا بىر يېڭى قىزىل تاش ئورمانلىقى جىلغىسىنىڭ يەر شەكلى مەنزىرىسىنى بايقىدى، ئۇنىڭ كۆلىمى زور، شەكلى غەلىتە، رەڭلىرى مول بولۇپ، ئېچىش قىممىتىگە ئىگە ئىكەن. كېيىنكى قەدەمدە، بىز كەسىپ ئىچىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈش، پىلانلاش، ئېچىشقا تەشكىللەپ، باي شەھىرىنىڭ يېڭى ساياھەت يارقىن نۇقتىسىنى يارىتىمىز.» باي ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى ساياھەت تەرەققىيات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋۇ بىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى