ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى، 11-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت نۆلدىن 24كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى(شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى كۆرۈلمىدى؛ ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن تۆتى يېڭىدىن كۆپەيدى، ھەممىسى قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئاغرىق مىسالى؛ يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن 34 يۇقۇملانغۇچىنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە، قەشقەر ۋىلايىتىدىكىسى 33، قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكىسى بىر.
11-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 24كىچە، شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا ھازىر بار بولغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى نۆل؛ ھازىر بار بولغان قەشقەر ۋىلايىتىدىكى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى ئىككى.
10-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت نۆلدىن 11-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 24كىچە، جەمئىي ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 78، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن 350 يۇقۇملانغۇچىنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى.