تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

【مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش】 كۈرەش يولىدا تۇغقىنىم بار

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر مېھرىگۈل غوپۇر خەۋىرى): «ياخشى تۇغقانلار بىلەن تونۇشقاندىن بۇيان، تۇرمۇشۇمدا زور ئۆزگىرىش بولدى، مەن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى بىللە ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يېتەكلەيمەن» دېدى ساۋەن ناھىيەسى ئەنجىخەي بازىرى مىنفېڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ما جۈنيى ئىشەنچ بىلەن. 30 ياشقا كىرگەن ما جۈنيى ئاپىسى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرەتتى، ئائىلىسىدە پەقەت ئۇ بىرلا ئەمگەك كۈچى بار بولۇپ، تۇرمۇشى ئانچە باياشات ئەمەس ئىدى.

  ئۇ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، تەرەپ-تەرەپتە ئىشلەمچىلىك قىلىپ، ئاشخانىدا مۇلازىمەتچى بولغان، قۇرۇلۇش ئورنىدا سېمونت توشۇغان بولسىمۇ، ئازغىنە كىرىمى بىلەن ئائىلىسىنىڭ كۈندىلىك چىقىمىغا يەنىلا بەرداشلىق بېرەلمىدى. 2017-يىلى، كەنت ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەشكىللىدى، ما جۈنيى ساۋەن ناھىيەسىدىكى بىر پاختا توقۇمىچىلىق كارخانىسىغا ئىشقا چۈشۈپ، بىر سانائەت ئىشچىسىغا ئايلاندى. شىركەت قانات يايدۇرغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىدە، باش دىرېكتور چېن يېشا بىلەن ما جۈنيى قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى.

  شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، چېن يېشا «ئائىلە باشلىقى»لىق مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالدى، ما جۈنيىنىڭ ئائىلىسىدىكى چوڭ-كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە ئۇ ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى. قىزغىن، ئوچۇق-يورۇق چېن يېشا بوش ۋاقتى بولسىلا ما جۈنيى بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇنىڭ كەلگۈسى پىلانىنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئەمگەكچان ئىككى قولىغا تايىنىپ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى.

  «ئادەم بىرەر تېخنىكىنى ياخشى ئۆگەنسىلا، ياخشى كۈنگە ئېرىشەلمەسلىكىدىن قورقمايدۇ. ئەتراپىڭىزدا نۇرغۇن ئۇستاملار بار، مەسىلە بولسا ئۇلاردىن سورىسىڭىز بولىدۇ، بىز ھەممىمىز بىر ئائىلە كىشىلىرى، بۇ يەر سىزنىڭ ئۆيىڭىز» چېن يېشانىڭ بۇ سۆزلىرى ما جۈنيىنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى، شۇنداقلا ئۇنىڭ قەلبىنى ئېچىپ، يېڭى مۇھىتقا سىڭىپ كىرىشكە تىرىشتى. خىزمەتتە ئۇ بارا-بارا ئاكتىپ، تەشەببۇسكار بولۇپ، مەسىلىلەرگە يولۇققاندا كەمتەرلىك بىلەن مەسلىھەت سوراپ، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، تېخنىكا مۇھىم نۇقتىلىرىنى ناھايىتى تېزلا ئىگىلىدى، كەسپىي ئىقتىدارى بارغانسېرى كۈچەيدى.

  ئەجىر قىلساڭ ھامان ھوسۇل ئالىسەن. ما جۈنيى ئادەتتىكى ئىشچىدىن بەنجاڭلىققا ئۆستۈرۈلۈپ، 25 خىزمەتچىنى باشقۇردى، مائاشىمۇ دەسلەپكى ئايدىكى 3000 يۈەندىن ھازىرقى 6000 يۈەنگە ئۆستى. چېن يېشانىڭ ياردىمىدە ما جۈنيى يەنە مالىيە باشقۇرۇشنى ئۆگىنىۋالدى، ھەمدە شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئالدىبۇ يىل ئۇ ساۋەن ناھىيە بازىرىدىن رەنىلىك قەرز ئېلىپ 95 كىۋادرات مېتىرلىق بىنا ئۆيدىن بىرنى سېتىۋېلىپلا قالماي، يەنە بىر پىكاپ سېتىۋالدى، كەلگۈسى تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇسى تولۇپ تاشتى.

  ما جۈنيى مۇنداق دېدى: «يېڭى كەلگەندە، نەگىلا بارسام ئىشلەمچىلىك قىلىمەن، بىر مەزگىل ئىشلەپلا ئۆيگە قايتىمەن، دەپ ئويلىغانىدىم، كوللېكتىپقا سىڭىشىم يېتەرلىك بولمىغانىدى. ھېلىمۇ ياخشى چېن دىرېكتور مېنى ئويغىتىپ، نېمىلا ئىش قىلسام كاللامنى كۆپرەك ئىشلىتىپ، كۆپرەك ئۆگىنىپ، ئەستايىدىللىق بىلەن بىر پارچە زېمىن بەرپا قىلىش كېرەكلىكىنى چۈشەندۈردى. مەن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى بېيىشقا يېتەكلەپ، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇشنى ئويلايمەن». ما جۈنيى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى لەڭگەر بازىرى قىزىل گۈل كەنتىدىن كەلگەن ئىشلەمچى ئەلى توختى بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى، مەيلى خىزمەتتە ياكى تۇرمۇشتا بولسۇن، ما جۈنيى قارشى تەرەپكە ياردەم بېرىپ ۋە غەمخورلۇق قىلىپ، ئەلىنى كۈرەش قىلىش ئارقىلىق تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشكە ئىلھاملاندۇردى.

  ما جۈنيىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئىلگىرى بوش ۋاقىتلىرىدا قارتا ئويناشنى، قۇرۇق پاراڭ سېلىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئەلى ئۆگىنىشكە، بېرىلىپ ئۆگىنىشكە ئامراق بولۇپ قالدى، خىزمەتتە ئالاھىدە تىرىشىپ، جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىدى. سېختىكى ماشىنىدىن كاشىلا چىققاندا، رېمونتچى بولغان ئەلى چوقۇم بىرىنچى بولۇپ نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىدۇ. «ئەگەر كارخانىغا بېرىپ ئىشلىمىگەن بولسام، كەنتتە ھورۇنلۇق قىلىپ كۈن ئۆتكۈزگەن بولاتتىم. بۇ يەردە، ئائىلە ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدىم، ما جۈنيىنىڭ ماڭا قىلغان غەمخورلۇقى ۋە ياردىمىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن. ھازىر كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى مېنى <توسالغۇلارنى تۈگىتىش مۇتەخەسسىسى> دەپ چاقىرىدۇ، بۇنداق ماختاشلارنى ئاڭلىغاندا، كۆڭلۈم يايراپ كېتىدۇ. مەن يەنە داۋاملىق تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ماھارىتىمنى ئۆستۈرىمەن» ئەلىنىڭ غەيرىتى تولۇپ تاشقان بولۇپ، ھازىر ھەر ئايدا 5000 يۈەنگە يېقىن مۇقىم كىرىم قىلىدۇ.

  ما جۈنيى مۇنداق دېدى: «تۇغقىنىمنىڭ قايتا-قايتا نەسىھەت قىلىشى، ھەر بىر ئېغىز تاپىلاشلىرى قەلبىمگە قۇياش نۇرىدەك چۈشۈپ، كىشىلىك ھاياتىمنى ئۆزگەرتتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېسسىياتى مانا مۇشۇ كىچىك ئىشلاردا كۈچەيدى. بىز بۇ خىل مېھىر-مۇھەببەتنى تارقىتىشىمىز، كۆپچىلىك بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ، قان-تەرىمىز ئارقىلىق مۇقىم بەختكە ئېرىشىشىمىز كېرەك».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش
  • قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى: ساياھەتچىلەر خۇشال كېلىپ، خۇشال قايتتى
  • چاغانلىق پۇراق