تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

تەجربىخانىدىن ئابۇنىچىلارغا يۈزلىنىش: پەن-تېخنىكا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەشيا ئوبوروتىغا كۈچ قوشتى

11-ئاينىڭ 18-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار بىر ئەشيا ئوبوروت شىركىتىنىڭ ۋۇيى ئايرىپ بۆلۈپ بېرىش مەركىزىدە، گىرەلەشمە بەلباغلىق ئاپتوماتىك ئايرىش سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ، پوسۇلكىلارنى ئايرىماقتا.

   شىنخۇا تورى خەۋىرى: تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ سىستېما زامانىۋى ئەشيا ئوبوروت سىستېمىسىدىكى يادرولۇق ئەقلىي ئىقتىدارلىق جابدۇق بولۇپ، ئەشيا ئوبوروت تېز يەتكۈزۈشتىكى ئاپتوماتىك ئايرىشنى يۇقىرى ئۈنۈم، تۆۋەن خاتالىق پەرقى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرالايدىكەن. بۇ سىستېمىنىڭ تەتقىق قىلىپ ئاچقان ئاساسىي گەۋدە — جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىكرو ئېلېكتىرون تەتقىقات ئورنى. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى كەسىپلەشتۈرۈش تۈرى «خۇڭگۇاڭ مەخسۇس تۈرى»نى قوللىشى ئاستىدا، نۆۋەتتە چوڭ پوسۇلكىلارنى ئاپتوماتىك ئايرىش سىستېمىسى، ئىقتىساد تىپىدىكى ھەرىكەت ھالىتىدە جىڭلاش سىستېمىسى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىپ ياساشنى تاماملىغان ھەمدە تېز يەتكۈزۈش، ئېلېكتىرونلۇق ساھەسىدە قوللىنىلغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جىن لىۋاڭ فوتوسى

11-ئاينىڭ 18-كۈنى، پەن تەتقىقات خادىملىرى تەجرىبىخانىدا ئەشيا ئوبوروت تېز يەتكۈزۈشتىكى گىرەلەشمە بەلباغلىق ئاپتوماتىك ئايرىش سىستېمىسىنى كونترول قىلماقتا.

11-ئاينىڭ 18-كۈنى، خىزمەتچى خادىم بىر ئەشيا ئوبوروت شىركىتىنىڭ ۋۇيى ئايرىپ بۆلۈپ بېرىش مەركىزىدە، يۇمشاق دېتال ئارقىلىق ئەشيا ئوبوروت تېز يەتكۈزۈشتىكى گىرەلەشمە بەلباغلىق ئاپتوماتىك ئايرىش سىستېمىسىنى كونترول قىلماقتا.

بۇ 11-ئاينىڭ 18-كۈنى بىر ئەشيا ئوبوروت شىركىتىنىڭ ۋۇيى ئايرىپ بۆلۈپ بېرىش مەركىزىدە سۈرەتكە تارتىلغان يۈرۈشۈۋاتقان گىرەلەشمە بەلباغلىق ئاپتوماتىك ئايرىش سىستېمىسى.

11-ئاينىڭ 18-كۈنى، خىزمەتچى خادىم بىر ئەشيا ئوبوروت شىركىتىنىڭ ۋۇيى ئايرىپ بۆلۈپ بېرىش مەركىزىدە، گىرەلەشمە بەلباغلىق ئاپتوماتىك ئايرىش سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ پوسۇلكىلارنى ئايرىماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى