تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

5000دىن ئارتۇق نامراتلارنى يۆلەش توخۇسىنىڭ «كۆپەيتىش ئېففېكتى»

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاڭ جىلى، رايىدە

بۇ بىرنەچچە كۈندە، يەكەن ناھىيەسى ئودانلىق بازىرى يېڭىئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئىمامنىياز قۇدرەت چىلانلىقنىڭ ئەتراپىنى پات - پات ئارىلىدى، ئۇ چىلان كۆرگىلى ئەمەس، بەلكى چىلانلىقتىكى قىزىل تاجلىق «چىلانلىق يەرلىك توخۇسى»نى كۆرگىلى كەلگەنىدى.

چىلانلىقتا بېقىلىۋاتقىنىغا يېرىم يىل بولغان يەرلىك توخۇلارنىڭ ھەممىسى تېتىك، سېمىز ئىدى. ئۇلارغا «شايۈخۇڭگۇەن» تاۋار ماركىسى چاپلانغاندىن كېيىن، ئىككى كۈندە بىر ئاپتوموبىللىق كۆلەم بىلەن ئۈرۈمچى ۋە ئىچكىرى رايونلاردىكى بازارلارغا ئەۋەتىلىدۇ، ھەربىرى 150 يۈەن بولۇپ، ئادەتتىكى گۆش توخۇسىنىڭ باھاسىدىن بىر ھەسسە يۇقىرى.

«خې شۇجى، سىز ئويلاپ تاپقان چىلانلىقتا توخۇ بېقىش چارىسى ناھايىتى ياخشى ئىكەن، بۇ بىر نەچچە يىلدا چىلاننىڭ باھاسى تۆۋەن بولسىمۇ، ئەمما توخۇ بېقىپ كۆپ پۇل تاپتۇق. كېلەر يىلى مەنمۇ چىلانلىقىمدا توخۇ بېقىشنى ئويلاۋاتىمەن» دېدى 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ئىمامنىياز ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىدىن يېڭىئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى خې جيەنشېڭنى ئىزدەپ بېرىپ.

خې جيەنشېڭ ئىمامنىيازنىڭ تەلىپىگە خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولدى ھەم يەكەن جۇڭفۇ يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ خۇنيەنگە: «دېھقانلارنىڭ توخۇ بېقىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئارزۇسى بولسىلا، ئۇلارنىڭ باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئىگىلىشىگە چوقۇم ياردەم بېرىپ، توخۇ باقمىچىلىقى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك» دەپ تاپىلىدى.

يەكەن جۇڭفۇ يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بۇ يىل 300 مىڭ «چىلانلىق يەرلىك توخۇسى»نى سىناق تەرىقىسىدە باقتى، دېھقان ئائىلىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ باققان توخۇ 2 مىليوندىن ئاشتى، مۆلچەرىي سېتىش سوممىسى 100 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، 17 كەنتتىكى 1000دىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۈزلۈكسىز زورىيىۋاتقان توخۇ بېقىش كۆلىمىنى چۆرىدەپ، شىركەت يەنە تۇخۇم تەگلىكى زاۋۇتى، چۈجە چىقىرىش زاۋۇتى، ئورگانىك ئوغۇت زاۋۇتى، قۇشخانا قاتارلىقلارنى قۇرۇپ، 300 دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

ۋاڭ خۇنيەن ھاياجانلانغان ھالدا، توخۇ باقمىچىلىقى يەكەن ناھىيەسىنىڭ مۇھىم بىر كەسپىگە ئايلاندى، دېدى. ھالبۇكى، بۇ كەسىپنىڭ ئىككى يىل بۇرۇنقى 5000 دىن ئارتۇق نامراتلارنى يۆلەش توخۇسىدىن «باشلانغانلىقىنى» كىممۇ ئويلىغان دەيسىز.

2018 - يىلىنىڭ بېشىدا، خې جيەنشېڭ يېڭىئېرىق كەنتىگە كېلىپ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغاندا، كەنتتە كەسىپ تىرىكىنىڭ كەمچىللىكىنى، كەنت ئاھالىلىرىدە تېخنىكا ۋە بېيىش ئىشەنچىنىڭ كەمچىللىكىنى بايقىدى. ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق، كەنتتىكى دېھقان شياڭ گۇيلىننىڭ توخۇ بېقىش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرماقچى بولغانلىقىنى بىلدى. خې جيەنشېڭ بازارنى تولۇق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، يالغۇز ئىش قىلىپ كەسىپ شەكىللەندۈرۈش تەس، كۆپچىلىكنى بىرلىكتە توخۇ بېقىپ، بىرلىكتە بېيىشقا سەپەرۋەر قىلىش كېرەك، دەپ قارىدى.

كەنت ئاھالىلىرى توخۇ بېقىپ باقمىغاچقا، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ پۇل چىقىرىشنى خالىمىدى. كەنت كوللېكتىپىنىڭ پۇلى بولمىغاچقا، خې جيەنشېڭ ئۆز يېنىدىن 30 مىڭ يۈەن چىقاردى، كەنتتە تۇرۇشلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىمۇ 8000 يۈەن چىقاردى، ئۇلار بىر تاشلاندۇق كالا قوتىنىنى توخۇ لاپىسىغا ئۆزگەرتىپ، 5400 چۈجە سېتىۋالدى، شياڭ گۇيلىن بىرنەچچە ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنى باشلاپ سىناق تەرىقىسىدە باقتى.

كەڭ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ توخۇ بېقىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولۇش، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئېڭىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، خې جيەنشېڭ كەنت ئاھالىلىرىنى پاي قوشۇشقا سەپەرۋەر قىلدى، ھەربىر ئائىلە 500 يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ 100 چۈجە سېتىۋالسا، چۈجە چوڭ بولۇپ كاتەكتىن چىقىرىلغاندىن كېيىن دىرى قايتۇرۇلاتتى ھەم پايدا تەقسىم قىلىناتتى. ئەمما توخۇ بېقىپ باقمىغان، پاي قوشۇپ پايدا تەقسىملەش ئەندىزىسىنى ئاڭلاپ باقمىغان كەنت ئاھالىلىرى ئۇنىڭ گېپىگە ئىشەنمىدى. ئاخىرىدا، بىرقانچە كەنت ئاھالىسى خې جيەنشېڭنىڭ ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ كۆپچىلىكنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىنى تېپىشىغا ياردەم بەرگەنلىكىدىن تەسىرلىنىپ، باشلامچىلىق بىلەن پاي قوشتى.

ئۈچ ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، 5000 دىن ئارتۇق نامراتلارنى يۆلەش توخۇسى كاتەكتىن چىقىرىلدى، تەننەرخنى چىقىرىۋەتكەندە، ھەربىر توخۇدىن سەككىز يۈەن پايدا قىلدى. خې جيەنشېڭ پايدا ئالغان پۇلنى پاي قوشقان دېھقانلارغا بۆلۈپ بەردى، ئاقىل روزى قاتارلىق پاي قوشقان دېھقانلار ئۆز كۆزىگە ئىشىنەلمەي قالدى: دەسلەپتە چىقارغان 500 يۈەن پاي ھازىر 1300 يۈەنگە ئايلانغانىدى، ئۇلار شۇ ھامان بۇ پۇلنى داۋاملىق پاي قىلىپ قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. 2 - تۈركۈمدىكى چۈجىلەر سېتىۋېلىنغاندىن كېيىن، پاي قوشقان دېھقان ئائىلىسىدىن 40ى كۆپەيدى.

3 - تۈركۈم، 4 - تۈركۈم... كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك توخۇ باقمىچىلىقىغا قاتناشتى، بەزى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يىللىق پايدا تەقسىماتى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. ئاستا - ئاستا باشقا كەنتلەرمۇ بۇ خىل ئەندىزىنى قوللىنىپ توخۇ باقتى. شۇنىڭدىن كېيىن باقمىچىلىق مەيدانلىرى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش كارخانىلىرى قاتناشتى، توخۇ باقمىچىلىقى ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى قۇرۇلدى، توخۇ گۆشى، تۇخۇمنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ۋە ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش سۈرئىتىدە «كۆپەيتىش ئېففېكتى» نامايان بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى