تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچ - قۇۋۋىتىنى ئىشقا سېلىپ، ئاۋامنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، يىرىك پىلاننى ئىلمىي ياخشى تۈزۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

چېن چۈەنگو سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئالاقىدار تەرەپلەردىن ئاپتونوم رايوننىڭ «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلانى تۈزۈش خىزمىتى توغرىسىدا پىكىر-تەكلىپ ئالدى

كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچ - قۇۋۋىتىنى ئىشقا سېلىپ، ئاۋامنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، يىرىك پىلاننى ئىلمىي ياخشى تۈزۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

لى پېڭشىن قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش خىزمىتى توغرىسىدا دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار ۋە مۇتەخەسسىس - ئالىملار، كارخانىچىلار ۋەكىللىرى قاتارلىق ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

سۆھبەت يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى دۇڭ شىنگۇاڭ، شىنجاڭ سەنباۋ ئوقەتچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، قوشۇمچە باش دىرېكتورى كاڭ خېپىڭ، شىنجاڭ چىيۈەن تيەنخې بوغالتىرلار ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ باش دىرېكتورى جۈرئەت قۇربان، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ شۆبە ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىيە باشلىقى شياۋ ۋېنجياۋ، شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى گاۋ جىگاڭ، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى گۈلنار ئوبۇل، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش پەن - مائارىپ - سەھىيە - تەنتەربىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەنسار سەمەر، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى چېن چى، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى جياڭ پىڭئەن، جۇڭگو دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى مېڭ چىڭسەي، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى سۈن يۈخۇا، «3 - سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى جيا ديەنزېڭ قاتارلىق ۋەكىللەر ئايرىم - ئايرىم سۆز قىلىپ، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش قاتارلىق جەھەتلەردە پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «14 - بەش يىل» مەزگىلى دۆلىتىمىز يېڭى، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل، شۇنداقلا شىنجاڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەيدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان، ئەبەدىي ئەمىنلىككە ئاتلىنىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بەردى، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى يېڭى ئالاھىدىلىك، يېڭى تەلەپنى چوڭقۇر تونۇپ ۋە ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى يېڭى پۇرسەت، يېڭى خىرىسقا دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇر بىلەن قاراپ، پۇرسەت ئېڭى ۋە خەۋپ - خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئۆزگىرىشنى توغرا تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ئىلمىي ماسلىشىپ، ئۆزگىرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنتىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يىراقنى كۆزلەپ، چوڭ ۋەزىيەتنى ئىگىلەش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ تەدبىر سوراپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋارىسلىق قىلىش بىلەن يېڭىلىق يارىتىش، ھۆكۈمەت بىلەن بازار، ئېچىۋېتىش بىلەن ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىك، ئىستراتېگىيە بىلەن تاكتىكىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا، ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ نىشانى، پىكىر يولى، تەدبىرلىرىنى ئىلمىي، ياخشى پىلانلاپ، ئىشنى ياخشى باشلاشقا، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملار، كارخانىچىلارنىڭ ئالاقىلىشىش دائىرىسى كەڭ بولۇش، ئىختىساسلىقلار يىغىلغان بولۇش، ئەقىل - كۈچ توپلانغان بولۇش قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۆپرەك چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار ھەرقايسى تەرەپلەر ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئەستايىدىل رەتلەپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، پائال قوبۇل قىلىپ، كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچ - قۇۋۋىتىنى ئىشقا سېلىپ، ئاۋامنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، بىرلىكتە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى ياخشى تۈزۈپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.