ئاپتونوم رايون رەھبىرى ئىقتىساد ساھەسىدىكىلەرگە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى
ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى سىجىل، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۇنلىن سىن يىغىنى شەكلىدە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد ساھەسىدىكى تارماق(ئورۇن)لاردىكى كادىرلار، ئاممىغا پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى.
جاڭ چۇنلىن لېكسىيەسىدە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى نۇقتىلىق چۆرىدەش؛ دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، پايدىلىق شارائىت ۋە مۇھىم ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر تونۇش؛ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش؛ 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان ۋە «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچى فاڭجېنى، مۇھىم نىشانى، نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرىنى دەل جايىدا ئىگىلەش؛ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرى ۋە مۇھىم كۈچەش نۇقتىسىنى مەھكەم ئىگىلەش؛ پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىپ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىن ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى شەرھلىدى، چۈشەندۈردى.
جاڭ چۇنلىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى ئىقتىساد ساھەسىدىكى تارماق(ئورۇن)لار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى سىجىل چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ تاماملاپ، كېلەر يىللىق خىزمەتلەرنى بالدۇر پىلانلاپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى كۆڭۈل قويۇپ تۈزۈپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئىشنى ياخشى باشلىشى، قەدەمنى ياخشى ئېلىشى كېرەك.