تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

خوشۇت ناھىيەسى: پارنىكتا مايسا يېتىشتۈرۈش ئالدىراشلىقى

  ئانار بۇلۇت خەۋىرى: يېقىندا، خوشۇت ناھىيەسى تاغارچى بازىرى شياۋكاڭ مەھەللىسىدىكى تېرىقچىلىق ئاھالىسى ۋاڭ جاڭلىنىڭ قىشلىق كۆكتات مايسىسى يېتىشتۈرۈش پارنىكىدا، سۆسۈن چەيزە، پالەك ۋە كۇگۇالار بىخ چىقاردى، تۈپ-تۈپ كۆكتات مايسىلىرىنىڭ ئۆسۈشى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، پارنىك ئىچىنى يېشىللىق قاپلىدى.

  پارنىكتا كۆكتات مايسىسى يېتىشتۈرىدىغان مەزگىلدە، مۇخبىر ۋاڭ جاڭلىنىڭ كۆكتات پارنىكىدا چەيزە مايسىسىنى ئۇلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، يېڭىدىن چىققان كۆكتات مايسىلىرىنى سۇغۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردى.

  ۋاڭ جاڭلى شياۋكاڭ مەھەللىسىدىكى تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسى بولۇپ، ھەر يىلىدىكى مۇشۇ پەسىل ئۇنىڭ بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ ئالدىراش ۋاقتى. ۋاڭ جاڭلىنىڭ بىر پارنىكى بار بولۇپ، يىللىق كىرىمى 100 نەچچە مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ. «مەن 10-ئايدىن باشلاپ 300 مىڭ تۈپ خاڭگا مايسىسى يېتىشتۈردۈم، ھەممىسى زاكاز قىلىنىپ بولدى، ھازىر چەيزە مايسىسى يېتىشتۈرۈشكە باشلىدىم، ئاساسىي جەھەتتىن بىر تۈپ مايسىدىن ئىككى مو كىرىم قىلىمەن، مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا بىر يىلدا 100 نەچچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايمەن، بۇنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى» دېدى ۋاڭ جاڭلى.

  شياۋكاڭ مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى خۇڭ جيائېر مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ شياۋكاڭ مەھەللىمىزدە جەمئىي 124 پارنىك بار، ھازىر كۆكتات مايسىسى يېتىشتۈرۈش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، يەنە ئون كۈندىن كېيىن، يېتىشتۈرۈلگەن كۆكتات مايسىلىرىنى پارنىكقا تىكسەك بولىدۇ، قىشلىق كۆكتات زاپاس ساقلاش خىزمىتىنى سان ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا تاماملايمىز».

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خوشۇت ناھىيەسى «كۆك-تاق قۇرۇلۇشى»نى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇشنى نىشان قىلىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، ھەر يىلى 11-ئايدا تۈرلۈك كۆكتات مايسىلىرىنى يېتىشتۈردى، كۆچەت يېتىشتۈرۈش پارنىكى ھازىر بۇ ناھىيەدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى تېز ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى يېتەكچى كەسىپلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، كۆكتات بازىرىنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنىمۇ زور دەرىجىدە ئاشۇردى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ناھىيەنىڭ پارنىكتا كۆكتات ئۆستۈرۈش كۆلىمى 16 مىڭ 720 موغا، كۆكتات يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 110 مىڭ توننىغا، مەھسۇلات قىممىتى 100 مىليون يۈەنگە يەتتى، ئاساسلىقى خاڭگا، كۇگۇا، سەي كاۋىسى قاتارلىق كۆكتاتلار ئۆستۈرۈلۈپ، خاس يېزا ئىگىلىكى بۇ ناھىيەدىكى تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىدىكى مۇھىم يوللارنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

(مۇخبىر بۇيىنكېشىك)

  مەنبە: خوشۇت ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى