تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

خۇنەن: چاڭدې-يىياڭ-چاڭشا يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى پۈتۈن لىنىيەسىدىكى تۇنجى قوش ئەنلىك بۇرۇلما لىم ماس قەدەمدە بۇرۇلۇشنى تاماملىدى

  خەلق تورى خەۋىرى: 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى، چاڭدې-يىياڭ-چاڭشا يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى يىياڭ شەھەر ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى پەۋقۇلئاددە زور كۆۋرۈكى لوياڭ-جاڭجياڭ لىنىيەسىنىڭ قوش ئەنلىك بۇرۇلما لىم تۈرى قۇرۇلۇشى ماس قەدەمدە بۇرۇلۇش ئارقىلىق، بەلگىلەنگەن ئورۇنغا مۇۋەپپەقىيەتلىك بېرىپ، دەل جايىدا تۇتاشتۇرۇلدى، بۇ خۇنەن ئۆلكىسى چاڭدې-يىياڭ-چاڭشا يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ پۈتۈن لىنىيەدىكى تۇنجى قوش ئەنلىك بۇرۇلما لىمنىڭ ماس قەدەمدە بۇرۇلۇشنى تاماملىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ، كېيىنكى لىم ياتقۇزۇش، شېغىلسىز رېلىس قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى. چاڭدې-يىياڭ-چاڭشا يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 156.82 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، لايىھەدىكى سائەتلىك سۈرئىتى 350 كىلومېتىر. پۈتۈن لىنىيە پۈتكەندىن كېيىن، خۇنەن ئۆلكىسىدىكى 14 شەھەر، ئوبلاستنىڭ ھەممىسىگە يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تۇتاشتۇرۇش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
لى جيەن فوتوسى
مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى