تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

سۇ كەلدى، شەھەر گۈزەللەشتى

شىنجاڭ گېزىتى، بۇرچىن، 11-ئاينىڭ 18-كۈنى خەۋىرى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جېڭ جو، ئىختىيارىي مۇخبىر لى خۇيلىڭ خەۋەر قىلىدۇ: باش قىش مەزگىلىدە، بۇرچىن ناھىيەسىدە زۇمرەتتەك سۈزۈك ئېقىن شەھەرنى كېسىپ ئۆتىدۇ. بۇ ناھىيەنىڭ سۇ سىستېمىسىنى تۇتاشتۇرۇش، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا سۇ يەتكۈزۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئەتراپتىكى چوڭ-كىچىك دەريالار يېڭى، كونا شەھەر رايونى، شەھەرنىڭ شەرقىدىكى سۇلۇق يەر، شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى ئېكولوگىيەلىك توسۇق رايونى ۋە ئەتراپتىكى يېزا-بازارلارنى تۇتاشتۇرۇپ، بۇرچىن دەرياسىنىڭ شەرقىي شىمالدىن غەربىي جەنۇبقا قاراپ شەھەر رايونىنى كېسىپ ئۆتۈپ، ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىدىكى دەريا بىلەن تۇتىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆلۈك سۇنى ئېقىن سۇغا ئايلاندۇرۇپ، شەھەر ئېكولوگىيەلىك سۇ سىستېمىسىنىڭ سۇ تورىنى شەكىللەندۈردى.

«سۇ كەلدى، شەھەر گۈزەللەشتى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تېخىمۇ ياخشىلاندى.» بۇرچىن ناھىيەلىك سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ليۇ بو ئەمدىلا سۇ باشلانغان دەريا يولىغا قاراپ قاتتىق ھاياجانلاندى. ليۇ بونىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2.4 كىلومېتىر بولۇپ، يەر شارائىتى سەۋەبلىك 15 ئورۇندا «شارقىراتسىمان» سۇ مەنزىرىسى بەرپا قىلىنغان، تىك شارقىراتما، ئۇزۇن شارقىراتما، تەقلىدىي تەبىئىي قەۋەتلەنگەن سۇ قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر، يەنە كېچىلىك مەنزىرە چىراغلىرىغا ماسلاشتۇرۇلۇپ، بۇرچىن دەرياسىنىڭ سۈيى جانلىق ھەم كۆپ خىللاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قۇرۇلۇش ئەسلىدىكى تۈز سىزىق شەكلىدىكى ئۆستەڭنى ئەگرى سىزىقلىق ئورۇنلاشتۇرۇش شەكلىگە ئۆزگەرتىپ، تىك يۈز بىلەن تەكشى يۈزدىكى سۇنى جانلاندۇردى، ئومۇمىي قۇرۇلۇش ناھىيە بازىرىدا تۆت كۆل ھاسىل قىلدى، ئەڭ كەڭ يېرى 185 مېتىر بولۇپ، بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ سۇ قىس بولۇش قىيىن مەسىلىسى ھەل قىلىندى.

ناھىيە بازىرىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەللىشىش بىلەن بىللە، ئەتراپتىكى ئېكولوگىيەمۇ دەريالارنىڭ تۇتىشىشى بىلەن ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى. بۇرچىن ناھىيەسى تاغ قاپتىلىغا جايلاشقان بولۇپ، غەربىي شىمال تەرىپى سارقۇم قۇملۇقىغا يېقىن بولغاچقا، ھەر يىلى ئەتىياز ۋە كۈزدە قۇم-بورانلىق ھاۋا رايى كۆپ كۆرۈلەتتى. ئېكولوگىيەلىك مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، جىغان، تېرەك قاتارلىق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى. بۇ قېتىمقى دەريا يولىنى تۇتاشتۇرۇش ئىككى تەرەپتىكى كۆكەرتىش بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، بىر يېشىل مۇداپىئە توسۇقى شەكىللەندۈرۈپ، سۇ ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ قايتا ھاسىل بولۇشى ئارقىلىق تەبىئىي سۇلۇق يەر ئېففېكتى شەكىللەندۈرۈپ، سۇنىڭ ئۆزىنى پاكىزلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەر ئاستى سۈيىنىڭ قايتا ھاسىل بولۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قايتا ھاسىل بولۇشىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلاپ، بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، بۇرچىن ناھىيەسىمۇ «پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۈچ دەريا، ئالتە قىرغاق، توققۇز كۆۋرۈك، ئالتە رايون، ئون چوڭ كەسىپ ھالىتى»دىن ئىبارەت ئېكولوگىيەلىك ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئەندىزىسىنى كېڭەيتىپ، دەريا سۇ سىستېمىسىنى تۇتاشتۇرۇش ئارقىلىق دەريادىكى يەر ئۈستى سۈيى ۋە يەر ئاستى سۇ مەنبەسىنى بىرلەشتۈرۈپ تەڭشەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شەھەرنىڭ شەرقىدىكى ئېكولوگىيەنىڭ چېكىنىشى، يەرنىڭ قۇملىشىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش، دەريا يولىنى تۈزەش، شەھەرنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشىگە ياردەم بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش، مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش، سودا كەسپىنى ئېچىش قاتارلىقلارغا تۈرتكە بولۇپ، ھەم ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم ھەم ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىپ، تۈرلەرنىڭ ئۈنۈمىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى