تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

بۇيلۇقتىكى ئۆزگىچە «چۈنچە»

تۇرپان بۇيلۇق مەنزىرە رايونىدىكى «چۈنچە ھاجەتخانا» (11-ئاينىڭ 13-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شې دۇڭفېي فوتوسى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر جاپپار): 11-ئاينىڭ 11-كۈنى، مۇخبىر بۇيلۇق مەنزىرە رايونى شەرقىي يولىنى بويلاپ شىمالغا قاراپ مېڭىپ، مەنزىرە رايونىنىڭ كۈز مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندى. سەپەر ئۈستىدە «چۈنچە»نى ئەسلىي تىپ قىلغان، قىزىل خىش بىلەن ياسالغان، ئەن ياغاچ بىلەن ئۆگزىسى يېپىلغان بىر ئىمارەت ئۇنى جەلپ قىلىۋالغان بولۇپ، يېقىن كېلىپ قارىغاندا، بۇ ئىمارەتنىڭ ئەسلىدە بىر ساياھەت ھاجەتخانىسى ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

  «چۈنچە ھاجەتخانىسى»غا كىرگەندە، گۈل تەشتىكى مەنزىرىسى ۋە ئاسما مەنزىرە رەسىملىرى كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى، فارفور خىشتا ياسالغان قول يۇيۇش سۇپىسى، ئاق رەڭلىك قول يۇيۇش قاچىسى، ئاپتوماتىك ئىندۇكسىيەلىك تەرەت قاچىسى، قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، قۇرۇتۇش ماشىنىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تەل بولۇپ، يەنە ئائىلىۋى شەكلىدىكى «ئۈچىنچى تازىلىق ئۆيى»مۇ بار ئىدى. «بۇيلۇق دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولۇپ، ساياھەت ھاجەتخانىسىمۇ يۇلتۇز دەرىجىلىك سەۋىيەدە ئىكەن!» دېدى خەينەنلىك ساياھەتچى ما تيەنشۈن ماختاپ.

  ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ ياخشى ساياھەت تەسىراتىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، بۇيلۇق مەنزىرە رايونى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئەتراپتىكى مۇھىت ۋە مەنزىرىلەر بىلەن ماسلاشتۇرۇلغان ساياھەت ھاجەتخانىسىدىن سەككىزنى ياسىدى، مەسىلەن، توم دەرەخ، يۇمىلاق ياغاچ شەكىللىك ھاجەتخانا، تاغ گەۋدىسى شەكىلدىكى ھاجەتخانا قاتارلىقلار بار بولۇپ، بۇ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماي، بۇ يەردىكى بىر گۈزەل مەنزىرىگە ئايلانغانىدى.

  «بۇ خىلدىكى ھاجەتخانىلار پۈتكەندىن كېيىن، ساياھەتچىلەرگە ھەقىقەتەن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى، بولۇپمۇ، ياشانغانلار، مېيىپلەر ۋە بالىلار قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپىنى تېخىمۇ ئىنچىكە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى. چۈنچە شەكلىدىكى ھاجەتخانىنىڭ سىرتقى شەكلىمۇ ناھايىتى ئۆزگىچە بولۇپ، ساياھەتنىڭ ئاۋات پەسلىدە، مەن دائىم ساياھەتچىلەرنىڭ ھاجەتخانىنىڭ سىرتىدا سۈرەتكە چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرىمەن» دېدى بۇيلۇق مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ كادىرى لى فاڭ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۇرپان شەھىرى مەنزىرە رايونلىرىدىكى ساياھەت ھاجەتخانىلىرى قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بىر تۈركۈم ساياھەت ھاجەتخانىلىرىنى يېڭىدىن سالدى، كېڭەيتىپ قۇردى، مەنزىرە رايونىدىكى ساياھەت ھاجەتخانىلىرىنىڭ قۇرۇلۇش ئۆلچىمى، يانداش ئەسلىھەلىرى، تاشقى قىياپىتى قاتارلىقلارنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈردى. بۈگۈنكى كۈندە، يەرلىكنىڭ خاس مەدەنىيەت ئامىلى، ھەر خىل قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى، قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرى تولۇق، مۇلازىمەت ئىقتىدارى مۇكەممەل بولغان بۇ ساياھەت ھاجەتخانىلىرى ساياھەتچىلەرگە تېخىمۇ قولايلىق يارىتىپلا قالماي، مەنزىرە رايونىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى