تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

پىچاندا 40 مىڭ مو يەردىكى توشقانزەدىكى «مول ھوسۇل پەسلى»نى كۈتۈۋالدى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ۋاڭ جىڭ، بەي يىڭ، ئابلەت فوتوسى، خەۋىرى): ھازىر، تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيەسىدىكى 40 مىڭ مو يەردىكى توشقانزەدىكى «مول ھوسۇل پەسلى»نى كۈتۈۋالدى. بىر قانچە كۈندىن بۇيان، تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرى بەس-بەستە دېھقانلارنى توشقانزەدىكى ئۈزۈشكە تەشكىللىدى، قۇملۇق ۋە شورلۇق يەردە ئالدىراش مەنزىرە شەكىللەندى.

قۇملۇقتا توشقانزەدىكى ئۈزۈۋاتقان ئالدىراش، قايناق مەنزىرە نامايان بولدى.

11-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پىچان بازىرى ھوڭ كەنتى بىلەن قۇمتاغ قۇملۇقى تۇتاشقان جايدا، قۇملۇقتا ئۆسكەن سۆكسۆك ئورمىنى مەيىن شامالدا يەلپۈنۈپ تۇراتتى، پەلەي كىيگەن نەچچە ئون دېھقان قۇم ئورىكىنىڭ ئىككى تەرىپىدە قۇم، توپا كولاۋاتاتتى، تال-تال سۈتتەك ئاق، «قاسراقسىمان» توشقانزەدىكى ناھايىتى تېزلا كۆرۈندى. يىلتىزىنى كولاپ بولغاندىن كېيىن، دېھقانلار ئېھتىياتچانلىق بىلەن توشقانزەدىكىنى پۈتۈن ئېلىپ، قۇم تۆپىلىككە دۆۋىلەپ، ئاندىن خالتىغا سېلىپ توشۇدى.

جاۋ چياڭ پىچان بازىرى ھوڭ كەنتى جىندايۈن يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى، 2019-يىلىدىن باشلاپ، ئۇ شۇ كەنتتىكى بەش ئائىلىلىك دېھقان بىلەن ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، تېرىغان 280 مو توشقانزەدىكى بۇ يىل مول ھوسۇلنى كۈتۈۋالدى، مو بېشى ھوسۇلى 200 كىلوگىرامدىن 600 كىلوگىرامغىچە بولدى، ھەر مو يەردىن ئېلىنغان ئەڭ يۇقىرى پايدا 12 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

جىن دايۈن يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئۆستۈرگەن توشقانزەدىكىنى سېتىشتىن غەم قىلمايدۇ، پەقەت ئۈرۈمچى بازىرىدىلا ئۇنى تولۇق ھەزىم قىلىپ بولىدۇ. توشقانزەدىكى ئۆستۈرۈشنىڭ پايدىسىنى كۆرگەندىن كېيىن، ھەمكارلىق كوپىراتىپى بۇ يىل توشقانزەدىكى ئۆستۈرۈش كۆلىمىنى 2600 موغا كېڭەيتتى ھەم كېلەر يىلى توشقانزەدىكىنى ئىنچىكە پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇشنى پىلانلىدى.

دېھقانلار قۇم ئورىكىدە توشقانزەدىكى كولىماقتا.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پىچان ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ناھىيەلىك ھۆكۈمەت دېھقانلارنى قۇم-بوراننىڭ ئالدىنقى سېپىدىكى تۆۋەن ھوسۇللۇق ئېتىزلاردىن پايدىلىنىپ، سۆكسۆك قاتارلىق ئېكولوگىيە ئورمىنى بەرپا قىلىشقا زور كۈچ بىلەن رىغبەتلەندۈردى، ھەم ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى چىقىرىپ دېھقانلارنى سۆكسۆك ئورمىنىغا توشقانزەدىكى كۆچۈرۈشكە يېتەكلىدى، دېھقانلارنىڭ قاتنىشىش ئاكتىپلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، توشقانزەدىكى ئۆستۈرۈش كەسپىنىڭ تەرەققىياتى بىرقەدەر تېز بولدى. «توشقانزەدىكى ئۆستۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرغاندا، ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم ۋە سۇ تېجەش ئۈنۈمىنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە خېلى زور ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ» دېدى پىچان ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاۋ گاڭ.

توشقانزەدىكى ئاساسلىقى سۆكسۆك ياكى يۇلغۇننىڭ يىلتىز قىسمىدا پارازىت ياشايدۇ، «قۇملۇق ئادەمگىياھى» دېگەن چىرايلىق نامى بار، ئىنتايىن يۇقىرى دورىلىق قىممىتىگە ئىگە، ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى قىممەتلىك جۇڭيى دورا ماتېرىيالى. پىچان ناھىيەسىنىڭ توشقانزەدىكى تېرىقچىلىقى ئاساسلىقى دىغار بازىرى، دالانكارىز يېزىسى، پىچان بازىرىدىكى سۆكسۆك ئورمانلىقىغا تارقالغان. توشقان زەدىكى ئۆستۈرۈش قۇملۇق ۋە شورلۇق يەرلەرنى تىزگىنلەشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە بىر قەدەر يۇقىرى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە. توشقانزەدىكىنى ئۆستۈرۈش، پەرۋىش قىلىش، ئۈزۈشنىڭ ھەممىسى ئادەم كۈچىگە ئېھتىياجلىق بولۇپ، ئەتراپتىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، توشقانزەدىكى ئۆستۈرۈش كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغان. توشقانزەدىكى تېرىلغاندىن كېيىن، ھەر يىلى ئەتىياز، كۈز ئىككى پەسىلدە كولىۋېلىنىدىكەن،  يىلدا تېرىپ، يىلدا نەپكە ئېرىشكىلى بولىدىكەن.

ھازىرغا قەدەر، پىچان ناھىيەسىنىڭ سۆكسۆك ئۆستۈرۈش كۆلىمى 85 مىڭ موغا يەتتى، توشقانزەدىكى كۆچۈرۈلگەن يەر 65 مىڭ مودىن، ئۈنۈم ھاسىل قىلغىنى 40 مىڭ مودىن ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى