تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

2020-يىللىق شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت تونۇشتۇرۇش يىغىنى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلدى

  شىنخۇا تورى، شاڭخەي، 11-ئاينىڭ 17-كۈنى تېلېگراممىسى (شيا جوۋچى): ئۈرۈمچىدە قار تېيىلىشنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلىش، ئۇلۇڭگۈر كۆلىگە بېرىپ قىشلىق بېلىق تۇتۇش خۇشاللىقىنى ھېس قىلىش، بورتالا ئوبلاستىغا بېرىپ «قار-مۇز رىشتىسى»نى نامايان قىلىش... ، 11-ئاينىڭ 17-كۈنى، 2020-يىللىق شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت تونۇشتۇرۇش يىغىنى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلدى، شاڭخەي شەھىرى ئاھالىلىرىگە شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھەت بايلىقى ۋە ئېسىل لىنىيەلىرى تونۇشتۇرۇلدى.

قازاقچە قىز-ئوغۇل كوللېكتىپ ئۇسسۇل «تاماشا». شيا جوۋچى فوتوسى

  بۇ مەيدان تونۇشتۇرۇش يىغىنىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى ئۇيۇشتۇردى. تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ساياھەت تونۇشتۇرغۇچىلىرى، ساياھەت كارخانىلىرى شاڭخەيدىكى كۆپلىگەن ساياھەت كوپىراتىپلىرى بىلەن ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ئىمزالىدى ھەم ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، كېڭەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىپ، ساياھەتچىلەر مەنبەسىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئورتاق قېزىپ، يەتكۈزۈش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، بايلىقتىن ئورتاق بەھىرلىنىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

تونۇشتۇرۇش يىغىنى نەق مەيدانىدىكى شىنجاڭنىڭ خاس يېمەكلىكلىرى. شيا جوۋچى فوتوسى

  ھۈنەر-سەنئەت خەزىنىسى قىزىل مىڭئۆينىڭ تام رەسىملىرى، قارا شەھەرنىڭ ئۈزۈم ھارىقى، كورلىنىڭ نەشپۈتى، يەنە قار-مۇز دۇنياسىدىكى شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى... شىنجاڭنىڭ خاس ساياھەت بايلىقى نەق مەيداندىكى كىشىلەرنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرۇپ قەلبىنى تەلپۈندۈردى.

  ئىگىلىنىشىچە، شاڭخەي 2020-يىللىق شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت تونۇشتۇرۇش يىغىنىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېكىتى ئىكەن. بۇ تونۇشتۇرۇش يىغىنى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى باشلىنىپ، ئارقا-ئارقىدىن خاڭجوۋ، نەنجىڭ، بېيجىڭ، شېنجېن، چېڭدۇ قاتارلىق نۇرغۇن جايدا ئۆتكۈزۈلۈپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھىتىنىڭ سىجىل «ئەۋج ئېلىشى»غا تۈرتكە بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى