تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ دۇڭمېي خەۋىرى): ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىل، كېلەر يىل ئىككى يىلدا «تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىپ يۆتكەپ توشۇش، بىرتەرەپ قىلىش تۈرى»نى يولغا قويۇپ، ئەخلەتلەرنى 1-دەرىجىلىك توشۇش پونكىتىدىن 22نى يېڭىدىن قۇرۇشقا ۋە ئۆزگەرتىپ قۇرۇشقا، چوڭ ئەخلەتلەرنى ئالدىن بىرتەرەپ قىلىش پونكىتىدىن سەككىزنى يېڭىدىن قۇرۇشقا ئورۇن تاللاپ، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىپ بىرتەرەپ قىلىش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى ئۆلچەمدە تۈرگە ئايرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى پىلانلىغان، مۆلچەرلىنىشىچە تۈر قۇرۇلۇشى كېلەر يىلى ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىدىكەن.
11-ئاينىڭ 18-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر قىياپىتى مۇھىت تازىلىقىنىڭ يۈرۈشۈشىنى كۆزىتىش-ئۆلچەش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، 1-دەرىجىلىك توشۇش پونكىتى ئادەتتە ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىن يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن يەنە 2-دەرىجىلىك توشۇش پونكىتى ئالدىغا يۆتكەپ، بىرتەرەپ قىلىدىغان ئوتتۇرا، كىچىك ئەخلەت توشۇش پونكىتىنى كۆرسىتىدىكەن. نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى ئەخلەت توشۇش پونكىتىدىن 63ى بار بولۇپ، 1-دەرىجىلىك توشۇش پونكىتىنىڭ بىرتەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ئادەتتە ھەر كۈنى 50 توننىدىن 100 توننىغىچە بولىدىكەن.
«1-دەرىجىلىك توشۇش پونكىتلىرى يېڭىدىن قۇرۇلغان ۋە ئۆزگەرتىپ قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەخلەتلەرنى كۈندىلىك بىرتەرەپ قىلىش ئىقتىدارى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىپ يىغىپ توشۇش سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا پۇختا ئاساس سالىدۇ» دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر قىياپىتى مۇھىت تازىلىقىنىڭ يۈرۈشۈشىنى كۆزىتىش-ئۆلچەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى بيەن شياۋلۇڭ، بارلىق قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرى جايىدا ئەمەلىيلەشكەندىن كېيىن، كېيىنكى قەدەمدە تۈرگە ئايرىپ يىغىپ توشۇش، تۈرگە ئايرىپ بىرتەرەپ قىلىش، بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى قەدەممۇقەدەم قول تۇتۇپ ئەمەلگە ئاشۇرىدىكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى شەھىرى يەنە «ئورگانىك ئەخلەتلەرنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ بىرتەرەپ قىلىش زاۋۇتى تۈرى»نى يولغا قويۇپ، ئورگانىك ئەخلەتلەر (ئاشخانا ئەخلەتلىرى)نى تۈرگە ئايرىپ بىرتەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى پىلانلىغان، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ تۈر قۇرۇلۇشى كېلەر يىلى ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىدىكەن.