تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرى ئۈرۈمچى يولۇچى تىرانسپورت كارخانىلىرىنىڭ «يۈكىنى يېنىكلىتىپ پۇختا قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلىشى»غا كۈچ قوشتى

شىنجاڭ تورى خەۋىرى (مۇخبىر لى نىڭيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر لى جۈنپېڭ، جياۋيۆ خەۋەر قىلىدۇ): بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچىدىكى باج تارماقلىرى كۆپ قېتىم تور ۋە تور سىرتىدا قاتناش تىرانسپورت مۇلازىمەت ساھەسىدىكى باج تاپشۇرغۇچىلار بىلەن ۋاقتىدا پىكىرلىشىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىغا ئۆتۈپ مۇلازىمەت قىلىپ، كارخانىلارنىڭ تىجارەت جەريانىدا يولۇققان ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى ئىگىلەپ، بىر قاتار باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش ئېتىبار سىياسەتلىرى ۋە «ئۇچراشماي» تۇرۇپ باج تاپشۇرۇش، ھەق تاپشۇرۇش قاتارلىق باج تاپشۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى يەتكۈزۈپ، ئۈرۈمچى يولۇچى تىرانسپورت كارخانىلىرىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلىشىغا كۈچ قوشتى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، باج تارماقلىرى يەنە باج چوڭ سانلىق مەلۇماتىدىن پايدىلىنىپ ئالاقىدار كەسپىي كارخانىلارنى ئىلغاپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش، كارخانىغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ بازار سۇبيېكتىغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تىجارەت بېسىمىنى ئۈنۈملۈك يېنىكلىتىپ، «يۈكىنى يىنىكلىتىپ پۇختا قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلىشى»غا كۈچ قوشتى.

دېلىشى شىنجاڭ قاتناش-تىرانسپورت گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل تۈگۈن بېكىتى — ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول يولۇچى توشۇش بېكىتىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل. سايباغ رايونلۇق باج ئىدارىسى تۈرلۈك باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسەتلىرىدىن سىجىل ياخشى، تولۇق پايدىلىنىپ، قاتناش-تىرانسپورت كارخانىلىرىغا بىرمۇبىر تەشۋىق قىلىپ، بىر قاتار باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش ئېتىبار سىياسەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ تولۇق بەھرىمەن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

شىركەتنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى ما يۆجىن 11-ئاينىڭ 15-كۈنى مۇنداق دېدى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئون ئېيىدا شىركەت بىر مىليون يۈەندىن ئارتۇق باج كېمەيتىش سوممىسىغا ئېرىشتى. «ھەقىقىي قوللاش، ياردەم بېرىشنىڭ نەتىجىسىدە قىيىن مەزگىلدىن ئۆتۈپ، ئۈنۈملۈك ھالدا تىجارەت تەننەرخى چىقىمىنى تولۇقلاپ، تەرەققىيات ئىشەنچىمىز چىڭىدى.»

شىنجاڭ ئەنيۈنجيې يولۇچى ۋە يۈك توشۇش مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى شىمىگۇ رايونىدىكى بىر يولۇچى توشۇش كارخانىسى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، تىجارەت تەننەرخى ئۆرلەپ، كۆچمە مەبلەغ يېتىشمىگەنىدى.

ئەنيۈنجيې شىركىتىنىڭ مالىيەگە مەسئۇل خادىمى چېن لاڭ مۇنداق دېدى: شىمىگۇ رايونلۇق باج تارماقلىرى بىرىنچى بولۇپ مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ ئۇلار بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، كارخانىنىڭ باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشكە ئالاقىدار سىياسەتلەردىن تولۇق پايدىلىنىشىغا ياردەم بېرىپ، ئەمەلىي ياردەم بىلەن ئۇلارغا باجدا ئېتىبار بەردى. ھازىرغىچە، بۇ شىركەتنىڭ 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قوشۇلما قىممەت بېجى كەچۈرۈم قىلىندى.

ئوخشاشلا باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش ئېتىبار سىياسىتىدىن مەنپەئەتلەنگەنلەردىن يەنە ئۈرۈمچى شەھەرلىك يول يولۇچى-يۈك تىرانسپورت مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ تاكسى ئەترىتى بار. ئەترەتنىڭ مالىيە مەسئۇلى سەي گوخۇڭ مۇنداق ھېسابات چىقاردى: ئاپتوموبىل ئەترىتىدە 1020 تاكسى بار بولۇپ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 10 ئېيىدا جەمئىي 410 مىڭ يۈەن قوشۇلما قىممەت بېجى كېمەيتىلىپ، كەچۈرۈم قىلىنىپ، كۆچمە مەبلەغ قىس بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىندى.

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى