تىيانشان تورى   ›   گۈزەل جۇڭگو   ›   تەبىئەت

شاڭخەي: كۈز پەسلىدە ئوتقاشتەك قىزىل ياۋا سۈپۈرگىنىڭ ئۆزگىچە گۈزەل مەنزىرىسى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى

2020-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى، ساياھەتچىلەر شاڭخەي جىنشەنخۇاكەي دېڭىز ئېكولوگىيەلىك باغچىسىدىكى ياۋا سۈپۈرگىلەرنى تاماشا قىلماقتا. 

    خەلق تورى خەۋىرى: ئالتۇن كۈز پەسلىدە، شاڭخەي جىنشەنخۇاكەي دېڭىز ئېكولوگىيەلىك باغچىسىغا تېرىلغان 200 مىڭ تۈپ ياۋا سۈپۈرگە قىزىل رەڭگە ئۆزگىرىپ، يۇمىلاق شارسىمان شەكىلدە زىچ تىزىلغان، يىراقتىن قارىغاندا، قىپقىزىل كۆرۈنۈپ، شاڭخەينىڭ كۈز پەسلىدىكى ئۆزگىچە مەنزىرىگە ئايلىنىپ، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى، ساياھەتچىلەرنى ئاپتوموبىل بىلەن كېلىپ داكا قىلىشقا جەلپ قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، باغچا رايونىدىكى خىزمەتچىلەر يەنە ئالايىتەن بىر نەچچە سۈپۈرگە ياساپ ساياھەتچىلەرنى داكا قىلىپ سۈرەتكە تارتىشتا ئىشلىتىشىگە بەرگەن.
ۋاڭ چۇ / خەلق تورى سۈرىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى