تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

ئايشەم تۇرسۇننىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى

بىڭتۇەن گېزىتى (مۇخبىر ما شۆجياۋ خەۋەر قىلىدۇ):11-ئاينىڭ 13-كۈنى، مۇخبىر 3-شى 44-تۇەننىڭ يۈەنجۇڭ ليەنىگە كەلدى، 14 ياشلىق ئايشەم تۇرسۇن ھويلىسىدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ، مۇخبىرنىڭ قولىنى تۇتۇپ، مۇخبىرنى ئۆيىگە بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.

ئىلگىرى، ئايشەم تۇرسۇننىڭ چىرايلىق ئۆيى بولۇش ئارزۇسى بار ئىدى. بۇلتۇر، ئايشەم تۇرسۇن ئارزۇسى بويىچە چىرايلىق ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىردى.

مۇخبىر ئايشەم تۇرسۇنغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلدى، ھويلا پاكىز، تەكشى، قاتتىقلاشتۇرۇلغان يەر ئىدى، ھويلىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا بىر كىچىك گۈللۈك، يەنە يېڭىدىن ياسالغان ئۈزۈم بارىڭى بار ئىدى. ئەسلىدىكى قالايمىقان ئالدى ھويلىغا كىچىك ئەگمە پارنىك ياسالغان بولۇپ، تامنىڭ بۇلۇڭىدا توخۇ كاتىكىدىكى 60 چۈجە ۋىچىرلاۋاتاتتى، ھويلىدا ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇراتتى.

ئايشەم تۇرسۇننىڭ دادىسى تۇرسۇن موللاق خوتۇنى بىلەن مېھمانخانىغا يېڭىدىن سېتىۋالغان ئۆي جاھازلىرىنى تىزىۋاتاتتى. ئايشەم تۇرسۇن خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى:«ھازىر ئۆيۈم شەھەردىكى تۇغقانلارنىڭ ئۆيىدىنمۇ چىرايلىق بولۇپ كەتتى».

ئايشەم تۇرسۇن مۇخبىرنى تازىلىق ئۆيىگە باشلاپ باردى، ئاپئاق فار-فۇر خىش، سۇ بىلەن چايقىلىدىغان تازىلىق سايمانلىرى. «ئىلگىرى ھەممىمىز ئادەتتىكى ھاجەتخانىنى ئىشلىتەتتۇق، ياز كېلىشى بىلەنلا، پۇراپ كېتەتتى، ھازىر ھەم قولايلىق، ھەم پاكىز بولۇپ كەتتى» دېدى ئايشەم تۇرسۇن خۇشال ھالدا.

ئىلگىرى، تۇرسۇن موللاق بىر ئائىلە كىشىلىرى ليەندۈيدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئىدى، بۇ بىر نەچچە يىلدا، تۇرسۇن موللاقنىڭ ليەندۈينىڭ ئورمان مۇھاپىزەتچىسى بولۇشىغا ئەگىشىپ، خوتۇنى ليەندۈيگە تازىلىق ئىشچىسى بولدى، ھازىر ئائىلىسىنىڭ ئايلىق مۇقىم كىرىمى 3000 يۈەنگە يېقىنلىشىپ، ئوڭۇشلۇق ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپلا قالماي، تۇرمۇشىمۇ ياخشىلاندى.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ليەندۈي ئايشەم تۇرسۇننىڭ ھويلىسىغا ھەقسىز كىچىك ئەگمە پارنىك ياساپ بەردى، يەنە شوخلا، لازا قاتارلىق كۆكتات مايسىلىرىنى ئەكىلىپ بەردى. «دادام كېلەر يىلى بىز يەنە چىڭسەي، بەسەي، لوبو تېرىيمىز، ئۆزىمىز يەپ بولالمىساق، بازارغا ئاپىرىپ ساتساق بولىدۇ، دېدى» دېدى ئايشەم تۇرسۇن.

ئارقىدىن، ليەندە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى 60 چۈجە ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارغا باقمىچىلىقنى قولمۇقول ئۆگەتتى. «توخۇ كۆپ بولغاچقا، بىز ئۆزىمىز باققان توخۇنىڭ تۇخۇمىنى يېيەلەيدىغان بولدۇق، كېلەر يىلى بىز يەنە ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كىرىمىز، بىزگە ياردەم بېرىپ باشقۇرۇشۇپ بېرىدىغان ئادەم چىقىدۇ، يىل ئاخىرىدا يەنە پايدا تەقسىم قىلىمىز» تۇرسۇن موللاق مۇخبىرغا بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ كەلگۈسى پىلانىنى سۆزلەپ بەردى.

قىسقىغىنا بىر نەچچە يىلدا، ئايشەم تۇرسۇن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۆيى يېڭىلاندى، ئۆي جاھازلىرى زامانىۋىلاشتى، ھويلىسىغا كۆكتات تېرىلدى، كۈنلىرى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلاندى.

بۇ يىل، 44-تۇەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى، نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ئارقىلىق قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، ئۆستۈرۈپ، ئىشچى-خىزمەتچى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى گۈزەللەشتۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى