ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن خەۋىرى): بىر قېتىملىق قار بىزنى قىش قوينىغا باشلاپ كىردى، كىيىم ئىشكاپىنى يىغىشتۇرۇپ، ئىسسىق ساقلايدىغان مامۇق چاپانلارنى ئېلىپ چىقىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى!
بۈگۈن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شەرقىي قىسمى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايون، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تاغلىق رايون، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا سۇس ياكى ئازراق قار ياغىدۇ؛ شەرقىي شىنجاڭدىكى شامال ئېغىزلىرىدا سەككىز بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال ئۆتكۈنچى بورىنى چىقىپ، تېمپېراتۇرا سەل تۆۋەنلەيدۇ. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى چوڭ بولمايدۇ.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃3-، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃8- بولىدۇ، ئۈچ بال شامال چىقىدۇ.
بۈگۈن سەككىز بال ئەتراپىدىكى قىيپاش شىمال شامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرى: G30، G312 لىنىيەسىنىڭ داۋانچېڭدىن داخېيەنگىچە بولغان بۆلىكى، چىقتىمدىن لياۋدۇنغىچە بولغان بۆلىكى.
قىش پەسلىدە تېرە ئاسان قۇرغاقلىشىدۇ، شۇڭا يۇيۇنۇش ۋاقتى بەك ئۇزۇن، سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. يۇيۇنۇش ۋاقىتنى 30 مىنۇت ئىچىدە، تېمپېراتۇرىنى ℃40 ئەتراپىدا كونترول قىلىشنى، كونكرېت ئەھۋالنى ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن تەڭشەشنى تەۋسىيە قىلىمىز.
قىش كىردى، كۆپچىلىكنىڭ خوگو يېگەندە بەسەينى كۆپرەك يېيىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز، بەسەينىڭ سۇ تەركىبى يۇقىرى بولۇپلا قالماي، يەنە تەركىبىدە سېللۇلوزا مول بولۇپ، ئۈچەينى سىلىقلاپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، ماينى سىرىپ ماينى ئازايتىش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى.