تىيانشان تورى خەۋىرى: فۇجيەن-سانجى بىر ئائىلە كىشىلىرى بۇ قىشنى ئىللىتتى. 11-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىن، سانجى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، فۇجيەننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى ۋاڭ جۇڭ سانجى شەھىرىگە بېرىپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خەلق تۇرمۇشى تۈرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، يېڭىدىن ئاققۇ بازىرىغا كۆچۈپ كىرگەن ئائىلىلەردىن ھال سورىدى. يەنە سانجى شەھىرى ئاشىلى يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپكە بېرىپ، «چۈەنجوۋ-سانجى مۇھەببىتى. ئاشىلى يېزىلىق يېزا-كەنت ئۆسمۈرلەر سارىيى»نىڭ يوپۇقىنى ئاچتى.
سانجى شەھىرى ئاشىلى يېزىسىنىڭ نوپۇسى 7300 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلارنىڭ نوپۇسى %95نى ئىگىلەيدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، فۇجيەننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش چۈەنجوۋ شۆبە قوماندانلىق ئىشتابى 65 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، توققۇز خەلق تۇرمۇشى تۈرىنى قۇرۇشقا ياردەم بەردى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئاققۇ بازىرى كۆچمەن چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش تۈرىدە، 20 كورپۇس بىنا 502 يۈرۈش ئۆي سېلىنىپ، بۇ يىل 7-ئايدا ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدۇ.
«فۇجيەندىكى تۇغقانلار، سىلەر بىزنىڭ مەڭگۈلۈك بۇرادىرىمىز!» ئاققۇ بازىرىغا كۆچۈپ كىرگەن ئېرجان ۋاڭ جۇڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى يېڭى ئۆيگە باشلاپ كىردى، ئايرىلىش ئالدىدا يەنە «مەڭگۈ ئايرىلمايدىغان ياخشى ھەمراھ»غا سىمۋول قىلىنغان قامچىسىنى سوۋغا قىلىپ، فۇجيەندىكى تۇغقانلىرىنى كېلىپ تۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.
«تىرىشقاندىلا غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ!» ئاققۇ بازىرىغا كۆچۈپ كىرگەن ئاھالىلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناۋاتاتتى، فۇجيەنلىك تۇغقانلار كەپتۇ دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ، ھاياجانلانغان ھالدا فۇجيەن شىۋىسى ۋە قازاق تىلىدا ناخشا ئېيتىپ، نەق مەيداندا قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى.
ۋاڭ جۇڭ مۇنداق دېدى: فۇجيەن ئۆلكىسى شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە ئاققۇ بازىرى مەھەللىسى مەدەنىيەت پائالىيەت مەركىزى، ئاممىۋى ئەسلىھەلىرى قاتارلىق يۈرۈشلۈك قۇرۇلۇشلارنى داۋاملىق قوللاپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قازاق قول ھۈنەر بۇيۇملىرى بازىسى بەرپا قىلىپ، چارۋىچىلارنىڭ مۇقىم ئولتۇراقلىشىشى، تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. (يۈ بىن، شۈ شىسى)
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى