تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتا قان شېكىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئىنتايىن مۇھىم

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 11-ئاينىڭ 14-كۈنى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دىيابېت كۈنى»، بۇ يىلقى باش تېما «سېسترالار ۋە دىيابېت كېسىلى» بولۇپ، سېسترالارنىڭ دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىدە ئوينىغان مۇھىم رولىنى تەكىتلەش مەقسەت قىلىنغان. «دىيابېت كېسىلى بىر ئىرسىيەت ۋە مۇھىت ئامىلىنىڭ ئۆز ئارا تەسىرىدىن كېلىپ چىققان مېتابولىزىملىق كېسەللىك، ئۇنىڭ سوزۇلما خاراكتېرلىك قان تومۇر ئەگەشمە كېسەللىكلىرى بىمارنىڭ ھاياتى ۋە ياشاش سۈپىتىگە زور تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ سىجىل تەرەققىي قىلىشى يۈرەك، مېڭە، بۆرەك، كۆز، پۇت قاتارلىق ئەزالارنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ شىنلىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، دىيابېت كېسىلى دۆلىتىمىزدە بولۇپلا قالماي، پۈتۈن دۇنيادا يىلمۇيىل ئۆرلەۋاتىدۇ. دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدا قالدى. دىيابېتنىڭ ئۈچ دەرىجىلىك ئالدىنى ئېلىش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن خەتەرلىك كىشىلەر توپىنىڭ دىيابېتقا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايىتىش، دىيابېتقا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىقلارغا قارىتا قان شېكىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك.

ۋاڭ شىنلىڭ ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: دىيابېت كېىسلىنىڭ يۈز بېرىش مەنبەسىنى ئازايتىش كېرەك، دىيابېت كېسىلىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك ئالدىنى ئېلىشتا، ئىشنى ئالدى بىلەن ناچار تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشتىن باشلاش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەتىرى يۇقىرى كىشىلەرنى بالدۇر تەكشۈرۈپ، بالدۇر دىياگنوز قويۇپ، مۇنتىزىم داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ داۋالاش كېرەك.

ۋاڭ شىنلىڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئاساسىي قاتلام داۋالاش-ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى دىيابېت كېسىلىنى «بىر جايدا باشقۇرۇش»نى ياخشى ئىشلىشى كېرەك، بۇ دىيابېت كېسىلى خەۋپى يۇقىرى بىمارلارنى دەسلەپكى مەزگىلدە شاللاپ تەكشۈرۈش، دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلى ۋە سېمىز ئاغرىقلارنىڭ يېمەك-ئىچمكى ۋە ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش، ئۆزى قان شېكىرىنى كۆزىتىش تەشۋىق تەربىيەسى ۋە قەرەللىك ئامبۇلاتورىيەنى زىيارەت قىلىپ قايتا تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ۋاڭ شىنلىڭ مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: دىيابېت كېسىلى بارلارنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى نىسبەتەن تۆۋەن بولغاچقا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئاسان يۇقۇملىنىدۇ، دىيابېت كېىسلى بىمارلىرى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، قان شېكىرىنى ئۆزى تەكشۈرۈش ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى، بىنورماللىق كۆرۈلسە ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى