تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھەت تونۇشتۇرۇش ئۆمىكى شاڭخەيگە يېتىپ باردى، ئىككى جايدىكى ساياھەت كوپىراتىپلىرى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

  11 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، 2020–يىللىق شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھەت (شاڭخەي) مەخسۇس تونۇشتۇرۇش يىغىنى باشلاندى.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: 11-ئاينىڭ 17-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى ئۆتكۈزگەن «شىنجاڭ ياخشى جاي» 2020 ـ يىللىق شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھەت (شاڭخەي) مەخسۇس تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلىپ، ئىنسانلارنىڭ قار تېيىلىش مەنبەسى، «جۇڭگودىكى قار ماكانى» ئالتاي، «ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە كۆز يېشى» سايرام كۆلى، بىپايان قۇملۇقتىكى شەپەق مەنزىرىسى، خاس مىللىي ئۆرپ ـ ئادەت ۋە مەززىلىك تائاملارغا ئىگە جەنۇبىي شىنجاڭنى نۇقتىلىق تونۇشتۇردى، تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا يەنە شىنجاڭغا ساياھەتكە بارغانلارغا مەخسۇس ئېتىبار بېرىش، مۇكاپاتلاش سىياسىتى ئېلان قىلىندى.

  بۇ قېتىمقى تونۇشتۇرۇش «شىنجاڭ ياخشى جاي»نى باش تېما قىلغان بولۇپ، شاڭخەي خەلقىگە بىر مەيدان قالتىس قىشلىق ساياھەت كاتتا مەرىكىسى تەقدىم قىلىپ، نەق مەيداندىكى ئەزىز مېھمانلارغا شىنجاڭنىڭ قىش پەسلىدىكى ئۆزگىچە گۈزەل كارتىنىسىنى نامايان قىلدى.

  ئىككى جايدىكى مەدەنىيەت، ساياھەت كارخانىلىرى نەق مەيداندا كېلىشىم ئىمزالىدى.

  شاڭخەي شەھەرلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جاڭ چى تەبرىك سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شاڭخەي بىلەن شىنجاڭنىڭ ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ، لېكىن ئىككى جاينىڭ ئالاقىسى قويۇق، مۇناسىۋىتى زىچ. شاڭخەي ـ شىنجاڭ ئىككى جاينىڭ ساياھەت بايلىقىنىڭ ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، ئىككى جاينىڭ مەدەنىيەت، ساياھەت كەسپى ساھەسىدىكىلەرنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق يېڭى بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، كەسىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارنى ئورتاق قۇرۇپ، سۇپىغا ئورتاق يېتىش ۋە ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ ۋە نەتىجىگە ئېرىشىپ، ئىككى جاينىڭ مەدەنىيەت، ساياھەتچىلىكىنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، شىنجاڭدىكى سەككىز ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋەكىللەر ئۆمىكى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا شۇ جاينىڭ خاس قىشلىق ساياھەت بايلىقىنى تونۇشتۇردى، ئالاقىدار ساياھەت لىنىيەلىرى ۋە ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇردى، قىشتا شىنجاڭنى ساياھەت قىلىشقا ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش، مۇكاپاتلاش سىياسەتلىرىنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى. نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار جانلىق چۈشەندۈرۈش ۋە كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق، گۈزەل شىنجاڭنىڭ سېھرىي كۈچىنى كۆرۈپ، قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى.

  تونۇشتۇرۇش يىغىنى نەق مەيدانى.

  تونۇشتۇرۇش يىغىنى نەق مەيدانى. 

  تونۇشتۇرۇش يىغىنىدىكى ئېسىل مىللىي ئۇسسۇل.

  بىر قىسىم تونۇشتۇرۇش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  «شىنجاڭ ياخشى جاي» 2020 ـ يىللىق شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت تونۇشتۇرۇش يىغىنى خاس ناخشا ـ ئۇسسۇل نومۇرلىرى، ساياھەت ئېسىل لىنىيەلىرىنى تونۇشتۇرۇش، شىنجاڭ مەنزىرىسى فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى ۋە «شىنجاڭ تائاملىرى» مەززىلىك تائاملار كۆرگەزمىسى قاتارلىق تەشۋىقات ئۇسۇللىرى ئارقىلىق، شاڭخەي شەھىرى ئاھالىلىرىگە شىنجاڭنىڭ مول، ئۆزگىچە ساياھەت بايلىقى مەھسۇلاتلىرىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭ، شاڭخەيدىن ئىبارەت ئىككى جاينىڭ ساياھەت ھەمكارلىقى ۋە ئالاقىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىكىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە جەلپ قىلىش كۈچىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرىدۇ. (جوۋ چيەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى