تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

بالىلارنىڭ سەمرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئالدى بىلەن ئىشنى ئانىدىن باشلاش كېرەك

2012-يىلى جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك ئالامىتىگە دائىر دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگودا 6~17 ياشقىچە ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش نىسبىتى بىلەن سېمىزلىك نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %9.6، %6.4كە يەتكەن ھەمدە تېز سۈرئەتتە ئۆرلىگەن.

سېمىزلىك بالىلارنىڭ ئۆمۈرلۈك ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئاتا-ئانىلار بالىلارغا ساغلاملىق جەھەتتە ئۈلگە بولۇشى كېرەك

بالىلارنىڭ ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدىكى سېمىزلىكى ئۆمۈرلۈك ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، چۈنكى بۇ يېتىلىش مەزگىلىدىكى سېمىزلىك، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە دىيابىت كېسىلى قاتارلىق سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە بالدۇر گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، شۇنداقلا ساغلاملىقىغا تەھدىت بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۆزى، ئائىلىسى ۋە جەمئىيەتكە ئېغىر يۈك بولۇپ قالىدۇ.

جۇڭگو كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى ئوزۇقلۇق ۋە ساغلاملىق ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاۋ ۋېنخۇانىڭ كۆرسىتىشىچە: ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدە سېمىزلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئىشنى ئانىدىن باشلاش كېرەككەن، ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ تۇرۇشى، بالىغا ساغلاملىق جەھەتتە ئۈلگە بولۇشى كېرەككەن. چۈنكى سېمىزلىك يۇقۇملۇق كېسەل بولمىسىمۇ، لېكىن ئائىلىدە ئاتا-ئانىنىڭ تۇرمۇش ئادىتى بىلەن ھەرىكىتى بالىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

جاۋ ۋېنخۇانىڭ ئېيتىشىچە: ئالدى بىلەن ئانا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئوزۇقلىنىش ۋە مۇۋاپىق بەدەن ھەرىكىتىنى داۋام قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەندە، بوۋاقنىڭ تۇغۇلغاندىكى نورمال بەدەن ئېغىرلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىكەن. بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغاندىكى نورمال بەدەن ئېغىرلىقى 2.5 كىلوگىرامدىن 4 كىلوگىرامغىچە بولىدىكەن. ئىككىنچى، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئىمكان بار ئانا سۈتىدە بېقىش كېرەككەن، ئانا سۈتى بالىنىڭ ئەڭ ياخشى يېمەكلىكى بولۇپلا قالماستىن، يەنە بوۋاقنىڭ سەمىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ھالقىلىق تەدبىر ھېسابلىنىدىكەن.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى