تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى: يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دىكى 22 پۇقراۋى يەسلى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىگە ئۆزگەرتىلدى

شىنجاڭ تورى خەۋىرى (مۇخبىر موۋ مىن): ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) يەسلى مائارىپىنى كۈچەيتىش، يەسلى قۇرۇش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش ئۈچۈن، يېقىندا شىنجاڭ يۇقىرى، يېڭى مائارىپ كەسپى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ «گۇرۇھلاشقان يەسلى قۇرۇش» ئەندىزىسى ئارقىلىق بايلىقلارنى تەرتىپكە سېلىپ، يېڭىدىن قۇرۇلغان ئولتۇراق رايونلاردا يۈرۈشلەشكەن يەسلى قۇرۇش ھەم ساقلانما پۇقراۋى يەسلىلەرنى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلى قىلىپ قۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلىدى، ھازىر 22 ساقلانما پۇقراۋى يەسلى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىدىن 7000ى كۆپەيتىلدى.

11-ئاينىڭ 16-كۈنى، غەربىي باجياخۇ يولىغا جايلاشقان بوياۋېنشۈەن يەسلىسىدە، ھەر قايسى سىنىپتىكى بالىلار مۇئەللىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ياساپ، چۈشلۈك گىمناستىكا ئويناۋاتاتتى.

بۇ قېتىم پۇقراۋى يەسىلىلەرنى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىگە ئۆزگەرتكەن 22 يەسلىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن بوياۋېنشۈەن يەسلىسى يېڭى يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىدىن كېيىن، ئوقۇشقا كىرگەن بالىلارنىڭ ئائىلە چىقىمىنى يەنىمۇ ئازايتىپ، بالىلارنىڭ ئوقۇش، ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

بوياۋېنشۈەن يەسلىسىنىڭ يەسلى باشلىقى ۋاڭ خەييەن مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بۇ يەسلىدە ئوقۇيدىغان ھەر بىر بالىنىڭ ھەر ئايلىق باشقۇرۇش ھەققى 1400 يۈەن ئىدى، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىگە ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەت تولۇقلىما پۇلى بەرگەچكە پەقەت 600 يۈەن تاپشۇرىدىغان بولدى.

ۋاڭ خەييەن مۇنداق دېدى: «گۇرۇھلاشقان يەسلى قۇرۇش»نى تايانچ قىلىش يەسلىنى يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى سەۋىيەلىك، ئەلا سۈپەتلىك يەسلى قىلىپ قۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى، يەسلىنىڭمۇ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) نىڭ يەسلى مائارىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش، ئەلالاشتۇرۇش تەلىپى بويىچە، تىرىشىپ خاس داڭلىق يەسلى بەرپا قىلىشقا، يەسلىنى ياخشى باشقۇرۇشقا ئىشەنچىسى بار.

بۇ يەسلىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دۇڭ فاڭنىڭ بالىلار مائارىپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا 15 يىل بولدى، ئۇ «گۇرۇھلاشقان يەسلى قۇرۇش» ئەندىزىسى يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىغا تېخىمۇ زور تەرەققىيات بوشلۇقى ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ قارىدى.

دۇڭ فاڭنىڭ ئيتىشىچە پۇقراۋى يەسلىنى دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىگە ئۆزگەرتىش ئۇنى ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن تېخىمۇ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا، تەۋەلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلغان، ئوقۇتقۇچىلارمۇ باشقا يەسلىلەر بىلەن تېخىمۇ كۆپ تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىيەلەيدىكەن، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تېخىمۇ پايدىلىق بولىدىكەن.

يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) دا 95 يەسلى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلى 45، پۇقراۋى يەسلى 50 بولۇپ يەسلىدە 22 مىڭ 973 بالا بار.

يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) «ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش، ئىلمىي پىلانلاش، ئاممىۋى پاراۋانلىقى بويىچە ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش» باش تەلىپى بويىچە، يوللارنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، بايلىق بىلەن تەمىنلەشنى كېڭەيتىپ، خىراجەت سېلىنمىسى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ئورنىتىپ، مالىيە سېلىنمىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق يەسلىسى، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرنىڭ تەرەققىياتىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق يەسلىدىكى يەسلىدە بار بولغان بالىلارنىڭ %84.09كە يېتىش، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىدىكى يەسلىدە بار بولغان بالىلارنىڭ %50.36كە يېتىش نىشان-ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلدى.

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى