تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

كالا باققۇچىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش خاتىرىسى

11-ئاينىڭ 2-كۈنى، قادىرخان ئەمەن قويغا يەم بەرمەكتە.

بىڭتۇەن گېزىتى (مۇخبىر ۋاڭ باۋخۇڭ خەۋىرى، فوتوسى): 13-شى قىزىل يۇلتۇز 4-چاڭ 9-ليەنىنىڭ مالچىسى قادىرخان ئەمەن ئىلگىرى ليەندۈينىڭ نامرات ئىشچى-خىزمەتچىسى ئىدى، ھازىر نامى چىققان باقمىچىلىق ماھىرى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە، تېخىمۇ كۆپ چارۋىچى ئۇنىڭغا ئوخشاش بېيىش يولىغا ماڭدى.

2018-يىلى، قادىرخان ئەمەن تۇەن-چاڭدا باشلامچىلىق بىلەن خېنيۇ نەسىللىك كالىسىنى كىرگۈزدى. بىر نەسىللىك كالا 20 نەچچە مىڭ يۈەن بولۇپ، نۇرغۇن مالچىلار كېلىپ تاماشا كۆردى.

«ئەينى چاغدا نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭغا قىزىقمىدى، مەن، باشقا باقمىچىلار بېقىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، كۆپ پۇل تاپالايدىكەن، مەن نېمىشقا قىلالمايمەن؟ دەپ ئويلاپ قالدىم». قادىرخان ئەمەن يەڭنى تۈرۈپ قىلماقچى بولغاندا، خوتۇنىغا يوتا سۆڭەك بېشى نېكروزلىشىش كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلدى، خوتۇنىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن، ئۇ ھەر قايسى چوڭ دوختۇرخانىلارغا بېرىپ، 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل خەجلىدى. نائىلاج، قادىرخان ئەمەن خېنيۇ كالىسىنى سېتىشقا مەجبۇر بولدى، لېكىن نەسىلنى ياخشىلاش ئويى ئۇنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەنىدى.

2019-يىلى، قادىرخان ئەمەن قومۇل مۇتەي باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاتناشتى. ئۇنىڭ تەكلىپى بىلەن، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ توققۇز ئەزاسى 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ توپلاپ، ئالتە خېنيۇ كالىسى ۋە ئىككى سىمېنتال كالىسى كىرگۈزدى، ھەمدە ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ يەرلىك كالىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ نەسلىنى ياخشىلىدى. شۇ يىلى ھەمكارلىق كوپىراتىپى 70 تۇياق كالا سېتىپ، سېتىش سوممىسىنى 1 مىليون يۈەندىن ئاشۇردى، 2000دىن ئارتۇق قوينىڭ كىرىمىنى قوشقاندا، كوپىراتىپ ئەزالىرىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پايدا تەقسىم قىلىپ بېرىلدى، قادىرخان ئەمەنگە 80 مىڭ يۈەن تەقسىم قىلىپ بېرىلدى.

«بۇ ئۆتكەن بىر يىلدىكى كىرىمىمدىن كۆپ يۇقىرى» دېدى قادىرخان ئەمەن ھاياجانلانغان ھالدا.

بۇ يىل، قادىرخان ئەمەن ئائىلىسىنىڭ كالا قوتىنىغا يەنە 20 نەچچە جانلىق، تېتىك موزاي قوشۇلدى، ئۇ ھەر كۈنى كالا قوتىنىنى چۆرگىلەپ كېتەلمەي، كۆرگەنسېرى ئامراق بولۇپ كەتتى.

پايدىسىنى كۆرگەن قادىرخان ئەمەن، سورتنى داۋاملىق ياخشىلاشنى قارار قىلدى. ئۇ ئۆز يېنىدىن 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل چىقىرىپ، گەنسۇدىن 50تىن ئارتۇق كىچىك قۇيرۇقلۇق خەنياڭ شالغۇت قويى، 12 بوئېر ئۆچكىسى كىرگۈزدى.

بۈگۈنكى كۈندە، قادىرخان ئەمەنمۇ باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسى ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ يېڭى نىشانى ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئارقىلىق مالچىلارنىڭ ئوتلىقىنى پاي قوشۇش شەكلىدە بىرلەشتۈرۈپ، باقمىچىلىقنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە زورايتىپ، تېخىمۇ كۆپ چارۋىچىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى