11-ئاينىڭ 6-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2-شىسى باشئەگىم ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى شۇاڭفېڭ شۈنخۇەن ئىقتىساد كەسىپلەر باغچىسىنىڭ جۆچى يولىدا رەسمىي قاتناش باشلاندى، بۇ، بۇ كەسىپلەر باغچىسىنىڭ «ئىككى تىك، بەش توغرا» يولىنىڭ پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، شۇاڭفېڭ شۈنخۇەن ئىقتىساد كەسىپلەر باغچىسىنىڭ پىلاندىكى كۆلىمى 25.31 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، كەسىپ ئورنى نازۇك خىمىيە سانائىتى، نېفىت، تەبىئىي گازنى ئىنچىكە پىششىقلاش، زامانىۋى كۆمۈر-خىمىيە سانائىتى، يېڭىچە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، بايلىقنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىش، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان. 2018-يىلىدىن بۇيان، باشئەگىم ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى بۇ كەسىپلەر رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن خىزمەت ئىشلەپ، باغچە رايونىنىڭ قاتناش يول تورىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يول تىرانسپورت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ماكانلاشقان كارخانىلارنىڭ قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتىغا ئاساس سالدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باشئەگىم ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى تىجارەت-سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، مەبلەغ، يەر، ئادەم ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىن كۈچەپ، تۈر بېجىرىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
«学习强国» بىڭتۇەن ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى
(مۇخبىرلار ياڭ لىنا، سۇجياڭشېڭ)