تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭىلىق يارىتىش گاۋبەيگۈي بېلىقى بېقىش كەسپىگە تىرەك بولدى

بېلىجان يېتىشتۈرۈشتىن ئىنچىكە پىششىقلاشقىچە

يېڭىلىق يارىتىش گاۋبەيگۈي بېلىقى بېقىش كەسپىگە تىرەك بولدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لياڭ لىخۇا، دوۋ شىڭجۈن

ئىستون سۆزى

پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئۇنىڭدا قاراپ چىقىلىپ ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى»دە دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق ھەمدە 15 يىللىق تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانى سۈرەتلەپ بېرىلدى. ئومۇمىي يىغىن روھىنى ياخشى تەشۋىق قىلىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، بۈگۈندىن باشلاپ، شىنجاڭ گېزىتىدە «5 - ئومۇمىي يىغىن روھى ئاساسىي قاتلامدا» مەخسۇس ئىستونى ئېچىلىپ، ئىككى لىنىيەدىكى يۇغۇرما تاراتقۇ زىيارەت كىچىك ئەترەتلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ زىيارەت قىلىپ تەييارلىغان يۈرۈشلۈك خەۋەرلىرى بېرىلىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى ۋە يارقىن نۇقتىلىرى، تەدبىرلىرى كۆپ نۇقتىدىن، ھەر تەرەپتىن نامايان قىلىنىدۇ، دىققەت قىلغايسىلەر.

11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ئىشچىلار ئارشاڭ ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ سايرام كۆلى بېلىقچىلىق پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاقما لىنىيەسىدە گاۋبەيگۈي بېلىقىنىڭ توڭلىتىلغان يېڭى بېلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلىماقتا. (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جېن شىشىن فوتوسى)

بېلىجان يېتىشتۈرۈشتىن تارتىپ ئىنچىكە پىششىقلاشقىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ سايرام كۆلى بېلىقچىلىق پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ سايرام كۆلى بېلىقچىلىقى دېيىلىدۇ) پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلىپ، گاۋبەيگۈي بېلىقى بېقىش كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىپ، باقمىچىلىق ئۈنۈمىنى يىلمۇيىل ئۆستۈردى.

بىرلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ ئىلمىي تاللاپ يېتىشتۈردى

11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، مۇخبىرلار ئارشاڭ ناھىيەسىگە جايلاشقان سايرام كۆلى بېلىقچىلىقى گاۋبەيگۈي بېلىقىنى كۆپەيتىش بازىسىغا كەلدى، قاتار - قاتار يېتىشتۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىدە بېلىجانلار تۇخۇمدىن چىقىرىلىۋاتاتتى.

«بۇلار تۇراقلىق تۆۋەن ئىللىق تېمپېراتۇرىلىق يېتىشتۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى، ھەر يىلى گاۋبەيگۈي بېلىقىنىڭ ئۇرۇقلانغان تۇخۇمىدىن 80 مىليون دانە بېلىجان چىقىرىلىدۇ، كۆپەيتىش مەركىزىدە ئۈچ ئاي يېتىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، 15 مىليون دانە بېلىجان تاللىنىپ، سايرام كۆلىدە تەبىئىي چوڭىيىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ» دەپ تونۇشتۇردى سايرام كۆلى بېلىقچىلىقىنىڭ باش دىرېكتور ياردەمچىسى بى فۇياڭ.

ئېگىز، سوغۇق تاغلىق رايونغا جايلاشقانلىقتىن، سايرام كۆلىدە ئىلگىرى بېلىق تۈرلىرى ياشاپ باقمىغان. 1998 - يىلى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى سۇ مەھسۇلاتلىرى تارماقلىرى رۇسىيەدىن گاۋبەيگۈي بېلىقى كىرگۈزۈپ، سايرام كۆلىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان بېلىق تۈرى بولماسلىق تارىخىنى ئۆزگەرتتى. گاۋبەيگۈي بېلىقى سوغۇق سۇ بېلىقىغا تەۋە بولۇپ، سايرام كۆلىنىڭ تەبىئىي مۇھىتىغا ماسلىشالىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆلدە تەبىئىي يەم مول بولغاچقا، گاۋبەيگۈي بېلىقى بۇ يەردە بىر كىلوگىرام ئەتراپىدا چوڭىيالايدۇ.

«گاۋبەيگۈي بېلىقىنى كىرگۈزگەندىن كېيىن، دۆلەت ئىچىدە پايدىلىنىشقا بولىدىغان تەييار باقمىچىلىق تېخنىكىسى يوق بولغاچقا، دەسلەپتە 5 مىليون بېلىجان قويۇپ بېرىلگەنىدى، ئەي بولۇش نىسبىتى ئاران %10 بولۇپ، سېلىنما - ھاسىلات نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولدى» دېدى بى فۇياڭ.

گاۋبەيگۈي بېلىقىنىڭ باقمىچىلىق ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، سايرام كۆلى بېلىقچىلىقى ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات يۇرتى - ئورۇنلىرى بىلەن بىرلىشىپ، پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى جۇغلاشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات ئۇسۇلى ئارقىلىق تۈرلۈك تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى.

2018 - يىلى، سايرام كۆلى بېلىقچىلىقى تېخنىكا قىيىن ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، گاۋبەيگۈي بېلىقى بېلىجانلىرىنى يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، بېلىجانلارنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىنى %10 تىن %30كە ئۆستۈردى. 2019 - يىلى، سايرام كۆلى بېلىقچىلىقى ئاپتونوم رايونلۇق سۇ مەھسۇلاتلىرى پەن تەتقىقات ئورنى، داليەن دېڭىز - ئوكيان داشۆسى بىلەن بىرلىشىپ، بەيگۈي بېلىقىنى تۇراقلىق تۆۋەن ئىللىق تېمپېراتۇرىدا تۇخۇمدىن چىقىرىش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ چىقىپ، گاۋبەيگۈي بېلىقى بېلىجانلىرىنىڭ تۇخۇمدىن چىقىش نىسبىتىنى %37تىن %42كە ئۆستۈردى، نۆۋەتتە بۇ تېخنىكا دۆلەت پاتېنتىغا ئېرىشتى.

پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بېلىقچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى بارلىققا كەلتۈردى، گاۋبەيگۈي بېلىقىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى يىلمۇيىل ئېشىپ، بۇلتۇر 500 توننىغا يەتتى.

ئېكولوگىيەلىك باقمىچىلىق قوش پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى

11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى سائەت 7 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، تاڭ تېخى يورۇمىغانىدى، مۇخبىرلار بى فۇياڭ بىلەن بىللە كېمىگە ئولتۇرۇپ سايرام كۆلىنىڭ سۇ سۈپىتى ۋە لەيلىمە جانلىقلاردىن ئەۋرىشكە ئېلىش نۇقتىسىغا كەلدى، بى فۇياڭ ئەسۋابنى ئېلىپ، كۆلدىن ئەۋرىشكە ئالدى.

«بىز ھەر ئايدا سايرام كۆلىدىكى لەيلىمە جانلىقلارنىڭ ئومۇمىي مىقدارى، سۇ سۈپىتى، بېلىق تۈرلىرىنىڭ چوڭىيىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، توپلىغان سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىپ، تەھلىل دوكلاتى شەكىللەندۈرۈپ، دوكلاتقا ئاساسەن تۇتۇش ۋە قويۇپ بېرىش پىلانى تۈزۈپ، بېلىقچىلىقنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى بى فۇياڭ.

«سايرام كۆلىدىكى لەيلىمە جانلىقلارنىڭ ئومۇمىي مىقدارى چەكلىك، ئەگەر زىيادە كۆپ باققاندا مۇقەررەر ھالدا كۆلنىڭ ئېكولوگىيەلىك سىستېمىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ.» بى فۇياڭ مۇنداق دېدى: گاۋبەيگۈي بېلىقىنى بېقىش، تۇتۇش جەريانىدا، بىز ئېكولوگىيەلىك بېقىشنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، گاۋبەيگۈي بېلىقىنى كۆلدە تەبىئىي چوڭايتتۇق، ھېچقانداق دورا ۋە يەم - خەشەك قوشماي، سايرام كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمدە قوش پايدا ئېلىشنى كۆزلىدۇق.

سائەت 9دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، سايرام كۆلىنىڭ كۆل يۈزى جىمىرلاپ تۇراتتى. ئەڭ يېڭى گاۋبەيگۈي بېلىقلىرىنى ئىستېمالچىلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، بېلىقچى سۇڭ گۇاڭشېڭ سائەت 6دىن ئاشقاندىلا ئورنىدىن تۇرۇپ، رېزىنكە ئىشتاننى كىيىپ، بېلىق تۇتۇش كېمىسىگە چىقتى. مۇخبىرلار بېلىق تۇتۇش كېمىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن بىر رايون ئايرىلىپ، ئىككى تەرىپىدىن تۆشۈك ئېچىلىپ، كۆل سۈيى قۇيۇلۇپ، بىر كۆلچەك ھاسىل قىلىنغانلىقىنى كۆردى.

«بۇ تىرىك بېلىق كۆلچىكى، گاۋبەيگۈي بېلىقى ناھايىتى <نازۇك>، سۇدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ياشاش ۋاقتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا، تۇتقاندىن كېيىن، بىۋاسىتە سۇغا سېلىش كېرەك» دېدى سۇڭ گۇاڭشېڭ.

ئۇزاق ئۆتمەي كېمە بېلىق تۇتۇش نۇقتىسىغا يېتىپ كەلدى، كۆپ يىللىق بېلىق تۇتۇش تەجرىبىسىگە ئىگە سۇڭ گۇاڭشېڭ بېلىق تورىنى ماھىرلىق بىلەن يىغىپ، گاۋبەيگۈي بېلىقلىرىنى سۈزۈۋالدى.

«ھازىر بېلىق تۇتۇشتا ئورنى مۇقىملاشتۇرۇلغان ئېكولوگىيەلىك تور ئىشلىتىمىز، توردا ئۇلاق بولمىغاچقا، بېلىقلار ئانچە زەخىملىنىپ كەتمەيدۇ، سۈپىتىگە بىرقەدەر ياخشى كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.» بى فۇياڭ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئىشلەتكەن يۆتكىلىشچان تىكەن تورنىڭ بېلىقلارنى زەخىملەندۈرۈشى ئېغىر، تۇتۇش جەريانىدا چوڭ - كىچىك بېلىقلار پەرقلەندۈرۈلمەيدىغان بولۇپ، بېلىقچىلىقنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا پايدىسىز ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشلىتىلىش مۇددىتى قىسقا ئىدى، تاشلىۋېتىلگەندىن كېيىن كۆلنىڭ سۇ مۇھىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلاتتى.

ئىنچىكە پىششىقلاش قىممەتنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى

يېڭى بېلىق پىششىقلاش سېخىدا، مۇخبىرلار بىرنەچچە تېخنىك ئىشچىنىڭ يېڭىلا كەلتۈرۈلگەن گاۋبەيگۈي بېلىقلىرىنىڭ قاسرىقى، ژابراسى، ئىچكى ئەزالىرىنى ماھىرلىق بىلەن تازىلاۋاتقانلىقىنى، بېلىق تۇخۇملىرىنىڭ ئېلىنغانلىقىنى كۆردى.

ئارقىدىن، گاۋبەيگۈي بېلىقلىرى يەتكۈزۈش تاسمىسى ئارقىلىق ماشىنىدا يۇيۇلۇپ، قۇرۇتۇلدى، ئاندىن ئادەم كۈچى بىلەن ئىلغاپ ئوراپ قاچىلانغاندىن كېيىن، بىر گاۋبەيگۈي بېلىقى يېڭى بېلىق مەھسۇلاتى بولۇپ پىششىقلىنىپ چىقتى.

«بۇ بېلىق تۇخۇملىرى يېڭى بېلىق تۇخۇملىرىنى پىششىقلاش سېخىغا ئېلىپ بېرىلىپ، بېلىق تۇخۇمى قىيامى قىلىپ پىششىقلانغاندىن كېيىن دۆلەت ئىچى - سىرتى بازارلىرىدا سېتىلىدۇ» دېدى سايرام كۆلى بېلىقچىلىقىنىڭ مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقى، سۈپەت تەكشۈرۈشكە مەسئۇل ۋۇ ۋېي مۇخبىرلارغا تونۇشتۇرۇپ.

كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، قىممەت زەنجىرىنى ئۆستۈرۈشتە سايرام كۆلى بېلىقچىلىقى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، بېلىق تۇخۇمى قىيامى، بېلىق گۆشى قىيامى، ئاچچىق - چۈچۈك بېلىق پارچىسى، گاۋبەيگۈي بېلىقى ھامبۇرگ بولكىسى، بېلىق تۇخۇمى تۈرمىلى قاتارلىق خاس مەھسۇلاتلارنى ئارقا - ئارقىدىن بازارغا سالدى، قىممىتىمۇ نەچچە ھەسسە ئاشتى.

«گاۋبەيگۈي بېلىقىدىن ئىنچىكە پىششىقلانغان مەھسۇلاتلارنىڭ سوغۇق يېڭى بېلىققا قارىغاندا سۈپەت مۇددىتى ئۇزاق، توشۇش ۋە ئېلىپ يۈرۈشكە تېخىمۇ قولايلىق بولغاچقا، مەنزىرە رايونلىرى ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىدا ئىنتايىن قارشى ئېلىندى، بازار يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور» دېدى بى فۇياڭ.

بۈگۈنكى كۈندە، سايرام كۆلى بېلىقچىلىقى گاۋبەيگۈي بېلىقىنى بېقىش ۋە پىششىقلاش بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالماي، يەنە 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، مېھمانسارايلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، كۆپ خىل گاۋبەيگۈي بېلىقى قورۇمىلىرىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى؛ باقمىچىلىق ئائىلىلىرىنى باقمىچىلىق تېخنىكىسى بويىچە ھەقسىز تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتنى، كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

«پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. كېيىنكى قەدەمدە، بىز داۋاملىق پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش - ئوقۇتۇش - تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پەن تەتقىقات كۈچىنى سوغۇق سۇ بېلىقى بويىچە چوڭ ئۆلچەمدە بېلىجان يېتىشتۈرۈش ۋە ئىنچىكە پىششىقلاش جەھەتكە سەرپ قىلىپ، شىنجاڭ بېلىقچىلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز» دېدى بى فۇياڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.