تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن شارائىتتا تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۇدۇڭنى ئېچىش، ئېچىۋېتىشنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«سىرتقا ئېچىۋېتىش دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ سىياسىتى، بۇنىڭدىن ھەرقانداق ۋاقىتتا تەۋرىنىشكە بولمايدۇ.» پۇدۇڭنى ئېچىش، ئېچىۋېتىشنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: خىرىسقا قانچە دۇچ كەلگەنسېرى بىز تارىخنىڭ ئىلگىرىلەش لوگىكىسىغا شۇنچە ئەمەل قىلىپ، دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن شارائىتتا تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

ئېچىۋېتىش زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ روشەن بەلگىسى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، كىرگۈزۈشتىن چىقىرىشقىچە، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشتىن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقىچە، جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈشتىن يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش قەدىمىنى يەنىلا تېزلىتىشكىچە، جۇڭگو دۆلەت دەرۋازىسىنى ئېچىۋېتىپ قۇرۇلۇش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بېكىنمە، يېرىم بېكىنمە ھالەتتىن ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىشكە ئۆتۈشتەك ئۇلۇغ بۇرۇلۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپلا قالماي، يەنە دۇنياغا بەخت ياراتتى. خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك: «سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتتا ئۈزلۈكسىز يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەرى.» ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئۆتكەن 40 نەچچە يىلدا جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئېچىۋېتىش شارائىتىدا قولغا كەلتۈرۈلدى، كەلگۈسىدە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىمۇ جەزمەن تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن شارائىتتا ئېلىپ بېرىلىدۇ. جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى تاقىلىپ قالمايدۇ، پەقەت بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىدۇ. بۇ، جۇڭگونىڭ رېئال ۋە يىراق كەلگۈسى تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى، شۇنداقلا ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت ياراتقانلىقىدۇر.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «بىر دۆلەت، بىر مىللەت گۈللىنىمىز دەيدىكەن، جەزمەن تارىخنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش لوگىكىسى بويىچە ئالغا ئىلگىرىلىشى، دەۋر تەرەققىياتىنىڭ ئېقىمىدا تەرەققىي قىلىشى شەرت.» ھازىر، دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ پۈتۈن يەر شارىدا كەڭ دائىرىدە تارقىلىشى بۇ چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تېزلىتىۋەتتى، يەككە تەرەپچىللىك، قورۇقچىلىق كۈچىيىپ كەتتى، خەلقئارا ئەندىزە چوڭقۇر تەڭشىلىۋاتىدۇ، مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئامىللىرى روشەن كۆپىيىۋاتىدۇ. شۇنى كۆرۈش كېرەككى، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشى بىر قىسىم قايتما دولقۇنغا دۇچ كەلمەكتە، لېكىن دۇنيا ھەرگىز ئۆزئارا بېكىنمىچىلىك قىلىدىغان، بىر - بىرىدىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان ھالەتكە قايتمايدۇ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش يەنىلا تارىخىي ئېقىم، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش يەنىلا كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقى. بۈگۈنكى دەۋردە، ئىشىكنى تاقىۋېلىپ قۇرۇلۇش قىلىدىغان ھەرقانداق ئوي - پىكىر، باشقىلارنى چەتكە قاقىدىغان ھەرقانداق قىلمىش، ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويىدىغان، غالىب كەلگۈچى ھەممىنى يۇتۇۋالىدىغان ھەرقانداق ئۇرۇنۇشلارنىڭ ھەممىسى تارىخ ئېقىمىغا قارشى ھەرىكەتتۇر! دۇنيا ئىقتىسادى بىر چوڭ دېڭىز، دۇنيادىكى دېڭىز - ئوكيانلارنىڭ ھەممىسى ئۆزئارا تۇتاشقان، ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۇنيادىكى دېڭىز - ئوكيانلارنىڭ ئۆزئارا تۇتىشىشىغا سۈنئىي توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنۇشى پەقەت ئۆزىنى چاغلىمايدىغان خام خىيالدىنلا ئىبارەت! بىز ھەرگىزمۇ قارشى شامال ۋە قايتما دولقۇن تەرىپىدىن توسۇلۇپ قالماسلىقىمىز، تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

ھازىردىن باشلاپ مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىدىغان 30 يىل، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە بىز تېخىمۇ مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان تاشقى مۇھىتقا يۈزلىنىمىز. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتى چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، دۇنيانىڭ چوڭ يۈزلىنىشى توغرا ئىگىلىنىپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى دۆلىتىمىز تەرەققىياتىغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك يىرىك پىلان تۈزۈلۈپ، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى تەلەپكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلىش ھەرگىزمۇ ئىشىكنى تاقىۋېلىپ بېكىنمە ھالەتتە يۈرۈشتۈرۈش بولماستىن، بەلكى ئىچكى ئېھتىياجنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق دۆلەت ئىچى بازىرى ۋە خەلقئارا بازارنى تېخىمۇ ياخشى تۇتاشتۇرۇپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، ئېچىۋېتىش، تەرەققىياتتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى تېخىمۇ ياخشى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، جۇڭگو قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرە، تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامدىكى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇپ، ئىچكى - تاشقى بازارنى تۇتاشتۇرۇش، مۇھىم ئامىل بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە رىقابەت يېڭى ئەۋزەللىكى شەكىللەندۈرۈپ، ھەم دۇنيادىن تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئالىدۇ، ھەم جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنياغا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزىدۇ.

شاڭخەي بىر شەرەپلىك شەھەر، مۆجىزىگە ئۈزلۈكسىز گۇۋاھ بولۇۋاتقان جاي. پۇدۇڭنى ئېچىش، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 يىلدا قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئەڭ جانلىق رېئال ئىسپات بىلەن تەمىنلىدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئەڭ جانلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش كارتىنىسى بىلەن تەمىنلىدى. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ ئۇلۇغۋار مۇساپىسىدە، پۇدۇڭ چوقۇم تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يول ئاچقۇچى ئاۋانگارتلىرىدىن، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ باشلامچىلىرىدىن، «تۆت ئىشەنچ»نى نامايان قىلىشنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئۈلگىلىرىدىن بولالايدۇ، شاڭخەي چوقۇم دۇنيا يېڭىچە نەزەر بىلەن قارايدىغان يېڭى مۆجىزىلەرنى يارىتالايدۇ، چوقۇم سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى كەيپىياتىنى نامايان قىلالايدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى