تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

ئەنخۇي ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە گۇما ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشتىكى «توسۇلغان نۇقتا»لارنى تۇتاشتۇردى

  خەلق تورى خەۋىرى: 11-ئايدىن بۇيان، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس بەنى مەخسۇس ھالدا جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجوۋ شەھىرى ۋە ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ تۇڭلىڭ شەھىرىگە بېرىپ، خاڭجوۋ يۈنجى گۇرۇھى ۋە تۇڭلىڭ لاۋنۇڭ يېمەكلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن گۇما ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توردا ۋە تور سىرتىدا سېتىش، ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئالاقىدار ئىشلار ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى.

   خاڭجوۋ يۈنجى گۇرۇھى جەمئىيەت ئالاقىسى ئارقىلىق قوزغىتىلىدىغان نادىر ئەزا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى بولۇپ، بۇ شىركەت جەمئىيەتنى پەرداز بۇيۇملىرى، رەقەملىك يان تېلېفون، ئانا- بالىلار ئويۇنچۇقى، يېڭى مېۋە-چېۋە قاتارلىق بارلىق تۈرلەردىن تاللانغان تاۋارلار بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ تۇڭلىڭ لاۋنۇڭ يېمەكلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ياڭاق ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسى بولۇپ، يىلىغا ياڭاق قاتارلىق قاتتىق پوستلۇق مېۋىدىن 20 مىڭ توننا پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان بولۇپ، مەھسۇلاتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 19 ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايونغا سېتىلىدۇ. بۇ يىل 9-ئايدىن بۇيان، بۇ شىركەت ھەر كىلوگرامىنى بازار باھاسىدىن 0.5 يۈەن يۇقىرى باھادا گۇما ناھىيەسىدە 4000 توننىغا يېقىن ياڭاق سېتىۋېلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى. بۇ شىركەت كېلەر يىلى گۇما ناھىيەسىنىڭ ياڭاقلىرىنى تولۇق سېتىۋالىدىغانلىقىنى ھەمدە گۇما ناھىيەسىدە شىركەت قۇرۇپ، سېتىۋېلىپ، ئامباردا ساقلاپ، پىششىقلاپ ئىشلەشنى يولغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

   2020-يىلى، يۇقۇم ئېلىپ كەلگەن خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە كەسىپ مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى جىنبىننىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خوتەن ۋىلايىتى بولۇپمۇ گۇما ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە كەسىپ مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشىغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش تەلىپىگە ئاساسەن، پۈتۈن ئۆلكە بويىچە يۇقىرى-تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، كۆپ نۇقتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ كۈچەپ، «تۆتنى كىرگۈزۈش، تۆتنى راۋانلاشتۇرۇش»تەك قاتتىق تەكشۈرۈپ ياردەم بېرىش تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە كەسىپ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشتىكى «توسۇلغان نۇقتا»لارنى ئۈنۈملۈك راۋانلاشتۇردى.

   كېيىنكى قەدەمدە، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشقا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاشتىكى باشلامچى كارخانىلارنى زور كۈچ بىلەن كىرگۈزۈپ، خوتەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ۋە ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك جىپسىيلىشىشىغا كۈچ قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى