تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش

ئاينۇر خاماش: ئائىلە ئايالى بىۋاستە كۆرسىتىپ مال ساتقۇچىغا ئايلاندى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ تىڭ

«دوستلار، كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر! مەن ئاينۇر بولىمەن، مېنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيۈمگە كەلگەنلىكىڭلارنى قارشى ئالىمەن، كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا رەھمەت.» ئاينۇر خاماش تېلېفونىنى جازىغا ئالدى، كەينى بولسا جانلىق يېزا مەنزىرىسى ئىدى؛ ئېكران تەرەپ بولسا، قىزغىن تورداشلار ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىۋاسىتە كۆرسىتىش كەسپى ئىشقا ئورۇنلىشىش يولىنى ئاچتى، تېخىمۇ كۆپ ياشلار يۇرتىدا يېڭى خىزمەتكە ئېرىشتى.

«80-يىللاردا تۇغۇلغان» ئاينۇر بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ كۆكئاغاش يېزىسى ئاقئۆتكەل كەنتىدىكى خېلى نامى بار دىكتور. 2014-يىلى ئاينۇر تېخى كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئىدى. ئۇ چاغدا، ئۇنىڭ توي قىلغىنىغا ئۇزۇن بولمىغان بولۇپ، ئۆيدە سۈتكە تەلمۈرۈپ تۇرىدىغان ئىككى بالىسى بار ئىدى، ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش مەبلىغى كەمچىل ئىدى، يا بىرەر ئارتۇقچىلىقىمۇ يوق ئىدى، پەقەت ئىشلەمچىلىك قىلىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى. قۇچاقتىكى بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن، ئۇلار ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىدىن قەرز ئېلىپ، كەنتتە كىچىك بىر دۇكان ئاچتى، دەسلەپتە تىجارىتى ياخشى بولماي، بىر ئايدا ئاران 500-600 يۈەن پۇل تاپتى. ئاينۇرنىڭ كۆڭلىدە مۇقىم خىزمەت، مۇقىم كىرىم بولۇش ئارزۇسى بار ئىدى.

2019-يىلى 1-ئايدا، ئاينۇرنىڭ ئائىلە ئەھۋالى ھەم ئۇنىڭ دۇكان ئېچىش تەجرىبىسى بارلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسى يېڭىدىن قۇرۇلغان ئېلېكتىرونلۇق سودا تاللا بازىرىنى ئۇنىڭ تىجارەت قىلىشىغا تاپشۇردى. يېقىنقى ئىككى يىلدا ناھىيە بويىچە ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاقئۆتكەل كەنتىگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، تاللا بازارلىرىنىڭ سودىسىمۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى. ئاينۇر ئۆز يېرىنىڭ يېزا ئىگىلىك خاس قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بايلىقىغا تايىنىپ، يەككە ئەمەلىي دۇكاننى «تور سىرتى + تور» قوش يۆنىلىشلىك سېتىش ئەندىزىسىگە مۇۋەپپقىيەتلىك ئۆستۈردى.

«كەنت <ئىككى كومىتېت>ى ۋە <ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، بىز بۇلتۇر قىشتىن باشلاپ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىشقا باشلىدۇق. دەسلەپتە مەن قىلالماي قالدىم، باشقىلاردىن مەسلىھەت سوراشتىن خىجىل بولدۇم. كېيىن، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى بىزگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگەتتى، بىزمۇ باشقىلارنىڭ قانداق بىۋاسىتە كۆرسىتىش قىلىۋاتقانلىقىنى ئۆگەندۇق. ھازىر، ئۆيدە مەنلا ئېكرانغا چىقىپ دىكتور بولۇپ قالماي، ئېرىم ۋە ئوغلۇممۇ مەن بىلەن تەڭ ئېكرانغا چىقىپ يەرلىك خاس مەھسۇلاتلارنى ساتىدۇ.» ئاينۇر مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 8دە، ئۇنىڭ ئېرى ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ئوراپ قاچىلاپ بېرىدۇ، چۈشتىن كېيىن سائەت 6دە تېز يوللانما خادىمى كېلىپ نەرسىلەرنى يىغىپ ئېلىپ كېتىدۇ، كەچ سائەت 8 ئەتراپىدا ئۇ ئىككىنچى كۈنىدىكى ماللارنى تەييارلاشقا باشلايدۇ. كەچلىك تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلار بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىشنى باشلايدۇ.

«ھازىر كەنتنىڭ تەرەققىياتى بارغانسېرى ياخشىلاندى، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسى ياشلارنىڭ يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىدىكى يېڭى يولغا ئايلاندى.» ئالتاي ۋىلايەتلىك سىياسىي كېڭەش خىزمەت كومىتېتىنىڭ ئاقئۆتكەل كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1-شۇجىسى ليۇ مىن مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكلەش، تەربىيەلەش ۋە داڭلىق ماركا سېتىشتىكى ئۈلگىلىك، تۈرتكىلىك رولى ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا تۈرى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىپ ئىگىلىك تىكلىشى، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا يارەم بېرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى