تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

چىراغنى ياندۇرسىلا تورغا چىققىلى بولىدۇ. Li-Fi تېخنىكىسىنى بىلەن تونۇشۇپ چىقىڭ

پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، Wi-Fi سىمسىز تورغا چىقىش تېخنىكىسى بىزگە قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تور تەسىراتى ئېلىپ كەلدى. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا Li-Fi تېخنىكىسىنى بىلىدىغانلار ناھايىتى ئاز، ئۇنداقتا ئۇ زادى قانداق تېخنىكا؟

Li-Fi دېگەن نېمە؟

Li-Fi (Light Fidelity) يەنى كۆرۈنىدىغان نۇر سىمسىز ئالاقىسى بولۇپ، ئۇ يورۇقلۇقنىڭ ئەينەنلىكىنى ساقلاش تېخنىكىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ لامپۇچكا چىقارغان يورۇقلۇقتىن پايدىلىنىپ سانلىق مەلۇمات يەتكۈزىدىغان تېخنىكا. ئۇ مىكرو ئۆزەكنى LED لامپىغا كىرگۈزۈپ WiFi قىزىق نۇقتىسىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئۈسكۈنە ھاسىل قىلىپ، تېرمىنال ئۈسكۈنىلەرنىڭ خالىغان ۋاقىتتا تورغا ئۇلىنىشىغا قولايلىق يارىتىدۇ.

چىراغ نۇرىغا تايىنىپ تورغا چىقىش ئاڭلىماققا بەك سىرلىق تۇيۇلىدۇ، ئەمما Li-Fi تېخنىكىسىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى ئەمەلىيەتتە ئانچە مۇرەككەپ ئەمەس. «0» بىلەن «1» رەقەملىك يوللاشتىكى ئاساسىي سىگنال، ئەگەر چىراغ نۇرىنىڭ ئېتىلىش ھالىتى «0» قىلىپ بېكىتىلسە، ئېچىلىش ھالىتى «1» قىلىپ بېكىتىلسە، چىراغ نۇرىنىڭ ئېتىلىشى ۋە ئېچىلىشى ئارقىلىق رەقەملىك سىگنالنىڭ يەتكۈزۈلۈشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. شۇڭلاشقا، چىراغ ئۈسكۈنىلىرى چوقۇم يۇقىرى چاستوتىلىق ۋىكليۇچاتېلغا بەرداشلىق بېرىشى كېرەك. ئەنئەنىۋى لامپىنىڭ ۋېكليۇچاتىلىنىڭ تەكرار ئېچىلىپ يېپىلىش ئۆمرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، LED لامپىسى (يورۇقلۇق چىقىرىدىغان ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا) يۇقىرى چاستوتىلىق ۋېكليۇچاتېلنىڭ تەكرار ئېچىلىپ يېپىلىشىغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، شۇڭا LED لامپىسى Li-Fi (چىراغ نۇرىنى ۋاسىتە قىلغان يۇقىرى سۈرئەتلىك سىمسىز تور)نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تېخنىكا ئاساسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، Wi-Fi بىلەن سېلىشتۇرغاندا، Li-Fi تېخىمۇ چوڭ كەڭ بەلباغ ۋە تېخىمۇ يۇقىرى سۈرئەتنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ ھەمدە ئۇنىڭ تور ئورۇنلاشتۇرۇشى ھېچقانداق يېڭى ئۇل ئەسلىھەگە ئېھتىياجلىق ئەمەس. Li-Fi نىڭ ئەۋزەللىكى يەنىلا ئۇنىڭ رادىيو دولقۇنىنىڭ كاشىلسىغا ئۇچرىماسلىقىدا، بايلىقى كۆپ ھەمدە ئېنېرگىيە تېجەپ مۇھىت ئاسراشتا.

ئومۇمەن ئېيتقاندا، Li-Fi چىراغ نۇرى بار جايدا سىمسىز تور بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردى، Wi-Fi بىلەن قوش يۆنىلىشلىك ماسلىشىش ئاستىدا، سىمسىز سانلىق مەلۇمات يەتكۈزۈش ئۇسۇلى تېخىمۇ مۇكەممەل، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇپ، يېڭى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تۇرمۇشقا يېتەكچىلىك قىلالايدۇ.

(بۇ ماقالىنى بېيجىڭ شەھەرلىك 65-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 1-دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىسى لى يەن ئىلمىيلىكىنى نازارەت قىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى